باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتىدا تۇرۇشلۇق كۆزىتىش گۇرۇپپىسى: بەزى كارخانىلار قائىدىگە خىلاپ ئۆتنە مەبلەغنى پۇقراۋى شىركەتلەرنىڭ قانۇنسىز مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىگە تەمىنلەپ بېرىۋاتىدۇ

2014.09.10 16:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىشلىك مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى پارتكومى ۋە كۆزىتىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، يېقىندا گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى نازارات قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى كۆزىتىش گۇرۇپپىسى جۇڭگو شىمال پاراۋوز-ئاپتوموبىل سانائەت گۇرۇھى، جۇڭگو تۆمۈريول ئالاقە سىگنال گۇرۇھى شىركىتى ۋە ۋۇخەن پوچتا پەن-تېخنىكىسى تەتقىقات ئورنى قاتارلىق ئۈچ كارخانىغا كۆزىتىش ئەھۋالىنى ئايرىم-ئايرىم ئىنكاس قىلغان. رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، كۆزىتىش گۇرۇپپىسى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش قۇرۇلۇشى جەھەتتە، ئاساسلىقى كارخانىلاردا «ئىككى مەسئۇلىيەت»نى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرمەسلىك، تەكرار ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش قۇرۇلۇشىغا سەل قاراش ئەھۋاللىرىنىڭ بىرقەدەر ئومۇملاشقانلىقى؛ بەزى كارخانىلاردا ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش كۈچىنىڭ ئاجىز، قانۇن-ئىنتىزامغا خىلاپ مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشنىڭ جايىدا ئەمەسلىكى، چۆچۈتۈش رولىنىڭ يېتەرسىز ئىكەنلىكى؛ بەزى كارخانا رەھبەرلىرىنىڭ قائىدىگە خىلاپ قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتەپ مائاش ئالغانلىقى، ۋەزىپە قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ سودا قىلىش، كارخانا ئېچىشىغا قولايلىق تۇغدۇرغانلىقى؛ بەزى كارخانىلارنىڭ قائىدىگە خىلاپ ئۆتنە مەبلەغنى پۇقراۋى شىركەتلەرنىڭ قانۇنسىز مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىگە تەمىنلەپ بەرگەنلىكىگە ئوخشاش كارخانا كادىر-خىزمەتچىلىرىنىڭ ئىنكاسى بىر قەدەر مەركەزلىك بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى نۇقتىلىق ئىنكاس قىلغان.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر