سۈرەتتە: شى جىنپىڭ بېيجىڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا «ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى دۆلەت دەرىجىلىك تەربىيەلەش پىلانى»نىڭ گۇيجوۋىن كەلگەن باشلانغۇچ مەكتەپ تايانچ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9-چېسلا چۈشتىن بۇرۇن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 30-قېتىملىق ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىنى تەبرىكلىدى ۋە مەملىكەت بويىچە مائارىپ سىستېمىسىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ ۋە ئىلغار شەخسلەرنى تەقىدىرلەش يىغىنىدا تەقدىرلەنگەن ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، بېيجىڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىغا كېلىپ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنى يوقلاپ، ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىشلىرىنى كۆزدىن كەچۈردى، سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئوقۇتقۇچى ۋە مائارىپ خىزمەتچىلىرىگە ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى ۋە بايراملىق سالام يوللىدى.
جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى