باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر>>شى جىنپىڭ

شى جىنپىڭ جۇڭگو-ياۋروپا ئالىي ئادىمىيەت سۆزلىشىش يىغىنىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2014.09.09 10:27         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو-ياۋروپا ئالىي ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇش سۆزلىشىشى مېخانىزمىنىڭ 2-قېتىملىق يىغىنى 6-سېنتەبىر بېيجىڭدا ئېچىلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى، ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى ۋان رۇمپىي بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى بارروسو بىرلىكتە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ياۋروپا-دۇنيادىكى ئىككى مۇھىم كۈچ. جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتى-دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەرنىڭ بىرى. ئىقتىساد يەر شارىلىشىۋاتقان، دۇنيا كۆپ قۇتۇپلىشىپ چوڭقۇر تەرەققىي قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك خاراكتېرى ئۆزلۈكسىز ئۆسۈپ، يەر شارىدا بارغانسېرى مۇھىم تەسىرگە ئىگە بولماقتا. جۇڭگو-ياۋروپا ئالىي ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇش سۆزلىشىشى-جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ تىنچلىق، ئاشۇرۇش، ئىسلاھات، مەدەنىيەتتىن ئىبارەت تۆت چوڭ شېرىكلىك مۇناسىۋىتىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشىنى كېڭەيتىش-ئۆز ئارا چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، جەمئىيەتنىڭ گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزىدىغان ھەمكارلىقنى ئۆزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىدە ئىنتايىن مۇھىم. مائارىپ، پەن-تېخنىكا، مەدەنىيەت، تاراتقۇ، ياشلار ۋە بۇ يىل يېڭىدىن كۆپەيگەن ئاياللار ساھەسىدىكى ئالماشتۇرۇش-جۇڭگو-ياۋروپا ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقىنىڭ يارقىن نۇقتىسىغا ئايلانماقتا. مەن ئىككى تەرەپنىڭ ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆز ئارا چۈشىنىش ۋە ئىشىنىشنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇزۇن مۇددەت مۇقىم، ساغلام راۋاجلىنىشىغا كەڭ ئىجتىمائىي ئاساس سېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  ۋان رۇمپىي بىلەن بارروسو تەبرىك خېتىدە مۇنداق دېدى: ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشى-ياۋروپا-جۇڭگو ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇساپىسىدە بارغانسېرى مۇھىم رول ئوينىماقتا، مېخانىزم ئورنىتىلغاندىن بۇيان، ئىككى تەرەپ بىر يۈرۈش ھەمكارلىق ھۆججەتلىرى ئارقىلىق، ياۋروپا بىلەن جۇڭگونىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدىكى خەلق ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى قويۇقلاشتۇردى، بىز ياۋروپا-جۇڭگو خەلقى ئارىسىدىكى ئالاقىنىڭ ئۆزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىدىغانلىقى ۋە كېڭىيىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر