خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-سېنتەبىرتيەنجىندىن بەرگەن خەۋىرى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ تەكلىپكە بىنائەن 9-چېسلا تيەنجىندە، 8-نۆۋەتلىك يازلىق داۋوس مۇنبىرىگە قاتناشقان 200دىن ئارتۇق دۇنياغا داڭلىق دۆلەت ھالقىغان شىركەت مەسئۇللىرى ۋە تەتقىقات ئاپپاراتلىرى، ئاخبارات تاراتقۇلىرى قاتارلىق ھەر ساھە ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى ۋە پىكىر ئالماشتۇردى. دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ رەئىسى شىۋاب سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. لى كېچياڭ ۋەكىللەرنى قىزغىن قارشى ئالدى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ جۇڭگو-چەت ئەل ھەمكارلىقى ۋە ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن قوشقان تۆھپىسىگە ئاكتىپ باھا بەردى.
جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى