باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جاڭ گاۋلى شۇۋاروف بىلەن كۆرۈشتى

2014.09.10 13:18         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، جۇڭگو رۇسىيە مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىق كومىتېتى جۇڭگو تەرەپنىڭ رەئىسى جاڭ گاۋلى 9-سېنتەبىر بېيجىڭدا رۇسىيەنىڭ 1-مۇئاۋىن زۇڭلىسى، رۇسىيە تەرەپ رەئىسى شۇۋاروف بىلەن كۆرۈشتى ھەمدە جۇڭگو رۇسىيە مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ 1-يىغىنى بىرلىكتە ئېچىپ، مەبلەغ سېلىش ۋە پۇل-مۇئامىلە ھەمكارلىقىنى مول ئۈنۈملۈك قىلىش ئۈستىدە سۆھبەتلەشتى.

  جاڭ گاۋلى مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتىگىيەلىك ھەمكارلىق شېرىكلىك مۇناسىۋىتى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا كىردى، ئىككى تەرەپ جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىق كومىتېتى مېخانىزمىنىڭ رولىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، تېخىمۇ قېلىپلاشقان قولاي مەبلەغ سېلىش مۇھىتى يارىتىپ، يۇشۇرۇن كۈچنى قىزىپ، ئۈستۈنلۈكى ئارقىلىق بىر-بىرىنى تولۇقلاپ، ھەمكارلىشىپ تەڭ غەلبە قىلىپ، نېفىت، تېز سۈرئەتلىك تۆمۈر يول، خەۋەرلىشىش، كاپالەتلىك تۇرالغۇ قۇرۇلۇشى، ئۇل ئەسلىھە قاتارلىق ساھەلەردىكى چوڭ تۈر ھەمكارلىقىغا نۇقتىلىق تۈرتكە بولۇشنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا پۇل-مۇئامىلە ساھەسىدىكى ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى تۈرتكە بولۇپ، ھەمكارلىق نەتىجىسىدىن ئىككى دۆلەت خەلقىگە نەپ يەتكۈزۈشنى ئۈمىد قىلدى.

  شۇۋارۇف مۇنداق دېدى: رۇسىيە ئىككى دۆلەتنىڭ مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ تۈرتكە بولۇش، يىتەكچىلىك قىلىش، ماسلاشتۇرۇش رولىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى سەۋىيەسىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر