باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«قەلبداشلار» سەنئەت ئۆمىكى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدە ھال سوراش ئويۇنى قويدى

2014.09.10 13:24         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ «قەلبداشلار» سەنئەت ئۆمىكى 7-، 8-سىنتەبىر شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 10-دىۋىزىيەسىنىڭ بېيتۈن شەھىرى ۋە 6-دىۋىزىيەسىنىڭ ئوتۇنكوزا شەھىرىدە ھال سوراش ئويۇنى قويۇپ، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

  ئويۇن ياڭراق ئارمىيە مارشى ۋە شادلىققا چۆمگەن «بىڭتۈەن ياخشى» دېگەن ناخشا-ئۇسسۇل بىلەن باشلاندى. 47-پولكنىڭ پېشقەدەم جەڭچىلەر ۋەكىللىرىدىن ۋاڭ چۈەندې، شېڭ چېڭفۇ، 185-پولك ساندۇق قاراۋۇلخانىسىنىڭ چېگرا قوغدىغۇچىسى، مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى، ئەخلاق نەمۇنىچىسى ما جۈنۋۇ، 4-دىۋىزىيە 78-پولكتىكى مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى نۇرجان ئورۇنتاي، 1-دىۋىزىيە 4-پولكتىكى مەملىكەت بويىچە «ئەڭ گۈزەل ئائىلە» شەرەپلىك نامىنىڭ ساھىبى كا شياۋخۇا، 4-دىۋىزىيە 1-چارۋىچىلىق مەيدانىدىكى ئاپتونوم رايون بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئىلغار شەخس جاڭ يۇڭجىن قاتارلىق بىڭتۈەن ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى نەق مەيداندا ئويۇن كۆردى. ئۇلار بىڭتۈەننىڭ تەرەققىياتى ۋە مۇقىملىقىغا زور تۆھپە قوشقان، ئۇلارنىڭ سۆزلىدە قىلچە پۇشايمان يوق، پەقەت ۋەتەنگە بولغان چوڭقۇر مۇھەببەت بار، ئۇلارنىڭ ئۈن-تىنسىز بېغىشلاش روھى مەيداندىكى ھەربىر تاماشىبىننى تەسىرلەندۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر