2-سېنتەبىر، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ گوۋۇيۈەننىڭ تەشكىلىي تارماقلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار مەسئۇللىرى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلدى. يىغىندا خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ «13-بەش يىللىق» يىرىك پىلانىنى تۈزۈش ۋە باشلاش خىزمىتى تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جاڭ گاۋلى يىغىنغا قاتناشتى. شىنخۇا ئاگنېتلىقى مۇخبىرى لى تاۋ فوتوسى.
جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى