گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ۋاڭ شياڭ 8-سېنتەبىر شيامېندا 18-نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا مەبلەغ سېلىش ، سودا يەرمەنكىسى ۋە 2014-يىللىق خەلقئارا مەبلەغ سېلىش مۇنبىرىگە قاتناشتى ھەمدە نۇتۇق سۆزلىدى . ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى ، جۇڭگو ئاۋۋالقىدەكلا ھەرقايسى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگوغا مەبلەغ سېلىپ ، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات پۇرسەتلىرىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشىنى قارشى ئالىدۇ . جۇڭگونىڭ سىرتقا قارىتا ئېچىۋېتىش سىياسىتى ئۇزاققىچە ئۆزگەرمەيدۇ ، مەبلەغ سېلىش ۋە ھەمكارلىق تۈزۈلمىسى كۈنسېرى ئېچىۋېتىلىدۇ، قانۇن-تۈزۈم ئىجرا قىلىشتا ھەممىگە بىردەك مۇئامىلە قىلىنىدۇ.