باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سەككىز بەلگىلىمىنىڭ روھىغا خىلاپ 177 دېلو ھەققىدە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىلدى

200 نەچچە كىشى بىرتەرەپ قىلىندى

2014.09.09 16:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8-چېسلا مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىشلىك مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېكىتىدە، ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش تارماقلىرى 1-سېنتەبىردىن 7-سېنتەبىرگىچە سەككىز بەلگىلىمىنىڭ روھىغا خىلاپ 177 تىپىك دېلونى تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلغانلىقى، 200 دىن ئارتۇق كىشى بىرتەرەپ قىلىنغانلىقى ئېلان قىلىندى.

  31 رايون ۋە ئورۇنغا چېتىشلىق بۇ دېلولار ئىچىدە، خىزمەت ۋاقتىدا ئېلېكتىرونلۇق ئويۇن ئويناش، خىزمەت بىلەن مۇناسىۋەتسىز سىنلارنى كۆرۈش قاتارلىق خىزمەت ئىنتىزامىغا خىلاپ دېلو 40 بولۇپ، ئومۇمىي ساننىڭ %22.6 نى ئىگىلەيدۇ؛ توي-تۆكۈنلەرنى ھەشەمەتلىك ئۆتكۈزۈشكە دائىر دېلو 34 بولۇپ، ئومۇمىي ساننىڭ %19.2نى ئىگەللەيدۇ؛ قائىدىگە خىلاپ ھالدا ياردەم پۇلى، تولۇقلىما تارقىتىش ۋە ئايتوقاچ تارقىتىشقا چېتىشلىق دېلو 28 بولۇپ، ئومۇمىي ساننىڭ %15.8نى ئىگىلەيدۇ؛ ئۇنىڭدىن باشقا، ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلىنى شەخسىي ئىشقا ئىشلىتىش، ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىشقا چېتىشلىق 21 دېلو ، ھۆكۈمەت پۇلىغا ساياھەت قىلىشقا دائىر 14 دېلو، ھۆكۈمەت پۇلىغا يەپ-ئىچىشكە چېتىشلىق 11 دېلو بار ئىكەن.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر