باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش دولقۇنى قوزغالدى

‐‐‐ يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكى توغرىسىدا

2014.09.09 11:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «بۇ يىل پارتىيە 18-نۆۋەتلىك 3-ئومۇمىي يىغىنىدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلغان تۇنجى يىل، ئىسلاھاتنى ھەقىقىي ئىلگىرى سۈرۈپ، كەلگۈسى بىر نەچچە يىللىق ئىسلاھاتنى ياخشى باشلاش لازىم.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ 4-قېتىملىق يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ يەنە بىر قېتىملىق سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقى ھېسابلىنىدۇ.

  ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ تۇنجى يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمى ئۆتۈپ كەتتى، ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتنى يولغا قويۇشنىڭ يۇقىرى قاتلام لايىھەسى خاراكتېرىگە ئىگە لايىھەلىرىنىڭ ئارقا-ئارقىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى، بەلگىلىك، ھالقىلىق، يېتەكچىلىك رولىغا ئىگە چوڭ-چوڭ ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ ئارقا-ئارقىدىن يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، ئىسلاھاتنىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇپ، مۇھىم ساھەلەر ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردا كېڭىيىش ۋە چوڭقۇرلىشىش ئىشقا ئاشتى. ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش دولقۇنى جۇڭخۇا زېمىنىدا ئەۋج ئالدى.

  پارتىيەمىز مۇستەھكەم ئىسلاھات ئىشەنچى، تېخىمۇ زور سىياسىي جاسارىتى ۋە پاراسىتى، تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىر ۋە چارىلەر ئارقىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

  پارتىيە 18-نۆۋەتلىك 3-ئومۇمىي يىغىنى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى باسقۇچىنى باشلاپ بەردى. زور سىستېما قۇرۇلۇشى باش لايىھە، بىرتۇتاش ماسلاشتۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى نازارەت قىلىشقا مۇھتاج، بۇنىڭ ئۈچۈن كۈچلۈك رەھبەرلىك «مەركىزى» بولۇشى كېرەك.

  ئومۇمىي يىغىن يېپىلىپ بىر ئايدىن ئارتۇق ۋاقىت بولغاندا، يەنى 2013-يىل 12-ئاينىڭ 30-كۈنى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىن ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ گۇرۇپپا باشلىقى، لى كېچياڭ، ليۇ يۈنشەن، جاڭ گاۋلىلار مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى بولغان مەركىزىي ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنى قۇردى.

  جۇڭگونىڭ ئەڭ ئالىي رەھبىرىنىڭ بىۋاسىتە باشلامچى بولۇشى دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكىلەرنىڭ يۈكسەك دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغىدى. جامائەتچىلىك: بۇ جۇڭگونىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىشلىرىنىڭ مۇھىملىقى، مۇشەققەتلىكى ۋە قەتئىيلىكىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ دېيىشتى.باش شۇجى شى جىنپىڭ: «رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلىيىتى ‐‐ پارتىيە 18-نۆۋەتلىك 3-ئومۇمىي يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تۈرلۈك ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى نەق جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشتۇر» دەپ تەنتەنىلىك جاكارلىدى.

  قىسقىغىنە 8 ئاي ئىچىدە، قائىدە-تۈزۈم ئورنىتىش، خىزمەت رامكىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتىن چوڭقۇر ۋە ئىنچىكە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، چوڭ-چوڭ ئىسلاھات ئىشلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇشقىچە بولغان ھەر بىر ھالقىدا يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئومۇمىيەتنى نەزەردە تۇتۇپ، ۋەزىيەتنى كۆزىتىپ، چوڭ ئىشلارنى پىلانلاپ، ئىسلاھاتنىڭ توغرا يۆنىلىشىنى چىڭ ئىگىلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش باش نىشانىنى چۆرىدەپ، ھەربىرقەدەمنى پۇختا بېسىپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىپ كەلدى.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر