باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

مورسى دۆلەتنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلىغانلىقى ئۈچۈن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىشى مۇمكىن

2014.09.09 10:20         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مىسىر ھۆكۈمەت تەرەپ ئاگېنتىلىقى بولغان ئوتتۇرا شەرق ئاگېنتىلىقىنىڭ 7-سىنتەبىر ئەدلىيە تارمىقىنىڭ بىر ئەمەلدارىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە: مىسىرنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى مورسى قاتارغا دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىك مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلىغانلىقى ئۈچۈن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىشى مۇمكىنكەن.

  مىسىر تەپتىش تەرەپ 6-سىنتەبىر مورسى ئۈستىدە شىكايەت قىلىپ، ئۇنى پىرېزىدېنت بولغان مەزگىلدە، مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ كۆرسەتمىسى ئارقىسىدا، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىك ئۇچۇرى بولغان ھۆججەتنى قاتار ئاخبارات تارمىقىغا ۋە باش ئورگىنى قاتارنىڭ پايتەختى دەۋھەدە تەسىس قىلىنغان يېرىم ئارال تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىغا ئاشكارلىغان، بۇ ھۆججەتلەرنىڭ مەزمۇنى مىسىر ئارمىيەسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇش ئەھۋالى، قۇرال جابدۇق ئەھۋالى، دۆلەتنىڭ ئاخبارات ئورگىنى، دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگىنى قاتارلىق تارماقلار ئېلان قىلغان مەخپىي دوكلاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر