خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3-سېنتەبىر جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 69 يىللىق خاتىرە كۈنى. چۈشتىن بۇرۇن ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشتا قۇربان بولغان قەھرىمانلارغا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلىش مۇراسىمىدا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ گۈل سېۋىتىدىكى بېغىشلىما لېنتىسىنى تۈزەشتۈردى. 3-سېنتەبىر جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 69 يىللىق خاتىرە كۈنى. چۈشتىن بۇرۇن شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى خاتىرە سارىيىغا كېلىپ، پايتەختتىكى ھەر ساھە ئامما بىلەن بىرلىكتە ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىسىگە گۈل سېۋىتى قويدى.
جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى