باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇش تەۋەلىكىنى بېكىتىشتە يېڭى ئۇسۇل قوللىنىلىدۇ

2014.08.27 16:07         مەنبە: شىنخۇا تورى ئۇيغۇرچە قانىلى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رەناگۈل خۇدابەردىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئۇقۇشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى يېقىندا ‹‹ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئۆرلەپ ئوقۇش تەۋەلىكى خىزمىتىنى باشقۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش››نى چىقارغان بولۇپ، ‹‹ئۇقتۇرۇش››تا، بۇ يىلدىن باشلاپ، شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا قوبۇل قىلىنغان يېڭى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش تەۋەلىكى ئۆلكە ئاتلاپ ئۆرلەپ ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش تەۋەلىكىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدىكەن، ‹‹ئۇقتۇرۇش››تا، ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يۇقىرى يىللىقلارغا ئۆرلەپ ئوقۇش، مەكتەپ پۈتكۈزۈش، داۋاملىق ئۆرلەپ ئوقۇغاندىن كېيىنكى ئوقۇش تەۋەلىكى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى باشقۇرۇش خىزمىتى ‹‹بىر ئادەمنىڭ بىرلا ئوقۇش تەۋەلىكى بولۇش، ئوقۇش تەۋەلىكى ئۆزى بىلەن بىللە مېڭىش››پىرىنسىپى بويىچە بولىدىكەن.

  ئىگىلىشىمچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بارلىق باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ 1 – يىللىقىغا كىرگەن ئوقۇغۇچىلار مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇش تەۋەلىكىنى باشقۇرۇش يەنى ‹‹يېڭى ئوقۇغۇچىلارنى ئەنگە ئالدۇرۇش›› تۈزۈمى بويىچە ھەر يىلى 20 – ئاۋغۇستتىن 30 – سېنتەبىرگىچە ئەنگە ئېلىنىدىكەن، ئاپتونوم رايونىمىز ئىچىدە، باشلانغۇچ مەكتەپتىن تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلار مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ‹‹ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇش تەۋەلىكىنى باشقۇرۇش ئۇسۇلى›› بويىچە، شۇ رايون ئىچىدە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلىمەكچى بولسا‹‹بىر تۇتاش ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش›› بويىچە بولىدىكەن، باشقا ناھىيە، شەھەر، ئوبلاست ياكى ئۆلكە(بىڭتۈەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)ئاتلاپ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلار ‹‹ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش›› ئۇسۇلى بويىچە بولىدىكەن. باشلانغۇچ مەكتەپتىن تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەيدىغان ئوقۇغۇچىلار 20 – ئاۋغۇستتىن 20 – ئۆكتەبىرگىچە ئوقۇش تەۋەلىكىنى ئەنگە ئالدۇرىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر