خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 22-ئاۋغۇست موڭغۇلىيە دۆلەت پارلامېنتىدا «ھەمكارلىشىپ مۇداپىئە كۆرۈپ، جۇڭگو-موڭغۇلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى تەرەققىيات دەۋرىنى ئورتاق بەرپا قىلايلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلىدى، ئۇ سۆزىدە جۇڭگو بىلەن موڭغۇلىيەنىڭ دوستانە ھەمكارلىقى، جۇڭگونىڭ ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى تىلغا ئالدى، ئاسىيادىكى دۆلەتلەرنىڭ ئۆزئارا بىللە تۇرۇش پىرىنسىپىنى تەھلىل قىلىپ، ئۆزئارا ھۆرمەتلەش-ئىشىنىش، پەرقنى تۈگىتىپ، ئورتاقلىقنى مۇجەسسەملەش، ھەمكارلىشىپ مۇداپىئە كۆرۈپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىپ جۇڭگو-موڭغۇلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى تەرەققىيات دەۋرىنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، ئاسىيانىڭ مۇقىملىقى ۋە گۈللىنىشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشنى تەكىتلىدى.
چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11 ئەتراپىدا، شى جىنپىڭ موڭغۇلىيە زۇڭتۇڭى ئەلبېگ دورجى، زۇڭلى ئالتان كۇياغ، دۆلەت پارلامېنتىنىڭ رەئىسى ئېڭكبولدنىڭ ھەمراھلىقىدا دۆلەت سارىيغا كەلدى، ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇرۇپ قارشى ئالدى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو-موڭغۇلىيە تاغ-دەريالىرى تۇتاش، ئىناق قوشنا دۆلەت، شۇنداقلا بۇ رايوندىكى مۇھىم دۆلەتلەردىن ھېسابلىنىدۇ. نۆۋەتتە، جۇڭگو خەلقى «ئىككى 100 يىل» كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ، موڭغۇلىيە خەلقىمۇ دۆلەت ئىسلاھاتى ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ. جۇڭگو-موڭغۇلىيە ئىككى تەرەپ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى جەھەتتىن ئۈنۈملۈك بىرلىككە كېلىپ، ئورتاق راۋاجلىنىش، ئورتاق گۈللىنىشنى تامامەن ئىشقا ئاشۇرالايدۇ. مەن بۇ قېتىم موڭغۇلىيەنى زىيارەت قىلىش جەريانىدا ئىككى تەرەپ جۇڭگو-موڭغۇلىيە مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىگە كۆتۈرۈشنى قارار قىلدى، بۇ جۇڭگو-موڭغۇلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تارىختىكى ئەڭ ياخشى تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، ئىككى تەرەپ بۇنى پۇرسەت دەپ قاراپ، جۇڭگو-موڭغۇلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشى لازىم.
جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى