باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ تۆمۈريول باش شىركىتىنى كۆزدىن كەچۈردى

ھۆكۈمەت بىلەن كارخانىنى، ھۆكۈمەت بىلەن مەبلەغنى ئايرىشنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم

2014.08.25 15:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 22-ئاۋغۇست، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ جۇڭگو تۆمۈريول باش شىركىتىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم رىياسەتچىلىك قىلىپ سۆھبەت يىغىنى ئاچتى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: بۇلتۇر گوۋۇيۈەن ئاپپارات ئىسلاھاتىدا تۆمۈريول مىنىستىرلىقى بىكار قىلىنىپ، جۇڭگو تۆمۈريول باش شىركىتى قۇرۇلدى، بۇ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم تەدبىرى. ئۆتكەن بىر يىلدا، ھۆكۈمەت بىلەن كارخانىنى ئايرىشتىن ئىبارەت بۇ «مۇھىم ھالقا»نى چىڭ تۇتۇش ئارقىلىق، ئىدىيەدە بۇرۇلۇش ھاسىل قىلىش، تۈزۈلمە ئۆزگەرتىش، مېخانىزم ئالماشتۇرۇش جەھەتتىكى «قاتماللىق»نى يوقىتىش، «ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىش»قا ئەھمىيەت بېرىلىپ، زور خىزمەتلەر ئىشلەندى، تۆمۈريول باش شىركىتى تۈرلۈك ئىسلاھات خىزمەتلىرىنى تەكشى، پۇختا، تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈپ، تىپىنى ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشتا روشەن ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈپ، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىدا نەمۇنىلىك رولغا ئىگە بولدى. دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا، ھۆكۈمەت بىلەن كارخانىنى، ھۆكۈمەت بىلەن مەبلەغنى ئايرىشنى داۋاملىق گەۋدىلەندۈرۈپ، تۈرلۈك شەكىلدىكى مەمۇرىي مونوپۇللۇقنى يەنىمۇ بۇزۇپ تاشلاپ، ھۆكۈمەت بىلەن كارخانىنىڭ ھوقۇق-مەجبۇرىيەت چېگراسىنى ئىلمىي ئايرىش لازىم. ھۆكۈمەت مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاش، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ تىجارەت پائالىىيىتىگە بىۋاسىتە ئارىلاشماي، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئادىل رىقابەت مۇھىتىنى بەرپا قىلىپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مۇلازىمىتى داۋامىدا «ھوقۇق بېرىش»، «باشقۇرۇش»تىن ئىبارەت ئىككى نۇقتىنى ھەقىقىي ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇنلىشى لازىم.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر