خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 22-ئاۋغۇست موڭغۇلىيە زۇڭتۇڭى ئەلبېگ دورجىنىڭ ھەمراھلىقىدا ئۇلانباتۇر شەھەر سىرتىدا نادام كۆردى.
شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ خانىمى پېڭ لىيۈەن ئەلبېگ دورجى ۋە ئۇنىڭ خانىمى بىلەن بىللە ئويۇن كۆردى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈي پېڭ فوتوسى شى جىنپىڭ ئەلبېگ دورجى بىلەن ئوقيا ئاتتى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن فوتوسى
ئەلبېگ دورجى شى جىنپىڭ ئەر-ئايال ئىككىيلەنگە ئىككى موڭغۇل ئېتى سوۋغا قىلدى. شى جىنپىڭ ئىككى ئاتقا ئايرىم-ئايرىم ئالتاي ۋە ھېرلېن دەپ ئىسىم قويۇپ، جۇڭگو-موڭغۇلىيە تاغ-دەريالىرىنىڭ تۇتاشلىقى، ئىناق قوشنىدارلىقى ۋە دوستلۇقىغا سىمۋول قىلدى.
جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى