- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


شى جىنپىڭ موڭغۇلىيىدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى ئاياغلاشتۇرۇپ قايتىپ كەلدى
2014.08.25 10:09 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ موڭغۇلىيىدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى ئاياغلاشتۇرغاندىن كېيىن، 22-ئاۋغۇست كەچتە بېيجىڭغا قايتىپ كەلدى. شى جىنپىڭنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن، جۇڭگو كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ خۇنىڭ، جۇڭگو كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى،مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى لى جەنشۇ، دۆلەت كومىسسارى ياڭ جيېچى قاتارلىق يولداشلارمۇ شۇ ئايروپىلاندا قايتىپ كەلدى. شى جىنپىڭ ئۇلانباتۇردىن ئايرىلىش ۋاقتىدا موڭغۇلىيە زوڭلىسى ئالتىنخۇاياگ قاتارلىق موڭغۇلىيە ئەمەلدارلىرى ئايرودرومغا بېرىپ ئۇزۇتۇپ قويدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر