باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا قۇرغاقچىلىق ئېغىر بولدى

2014.08.25 10:04         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىل ئاپرېلدىن بۇيان، بىنورمال ھاۋا رايىنىڭ تەسىرىدە، شىنجاڭنىڭ قىسمەن رايونلىرى بولۇپمۇ ئىلى دەرياسى جىلغىسىدا داۋاملىق قۇرغاقچىلىق يۈز بېرىپ ھۆل يېغىن ئاز بولدى، بىر قانچە ناھىيە شەھەر ئېغىر قۇرغاقچىلىققا ئۇچرىدى.

  مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتىدىن ئۇقىشىچە، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ يەتتە ناھىيىسىدە ئېغىر قۇرغاقچىلىق بولغان، 5 مىليون 780 مىڭ كىشى ئاپەتكە ئۇچرىغان، تۇرمۇشتا قۇتقۇزۇشقا تېگىشىك كىشى 198 مىڭغا يەتكەن، يېزا ئىگىلىك زىرائەتلىرىنىڭ ئاپەتكە ئۇچراش كۆلىمى 4 مىليون 335 مىڭ مو بولۇپ، 7774 تۇياق چارۋا ئۆلۈپ قالغان.

  ئاپتونوم رايونلۇق كەلكۈندىن مۇداپئە كۆرۈش ۋە قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق شتابىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئاۋ جىگاڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يىل ئەتىيازدا، شىنجاڭنىڭ شىمالى، تەڭرى تېغى تاغلىق رايونى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تېمپۇراتۇرىسى ئايرىم ئايرىم ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن يۇقىرى بولدى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا ھۆل يېغىن مىقدارى بىر قەدەر ئاز بولدى، بۇنىڭ ئىچىدە شىمالىي شىنجاڭ ۋە تەڭرى تېغى تاغلىق رايونىدا ھۆل يېغىن %20 ئازايدى، جەنۇبىي شىنجاڭدا %80 ئازايدى. 6-ئايدىن بۇيان، شىمالى شىنجاڭ رايونىدا ھۆل يېغىن ئازايدى، بولۇپمۇ ئىلى دەرياسى ۋادىسىدا ھۆل يېغىن ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن تەخمىنەن %50 ئازايدى. مۇخبىر ئىلى دەرياسى جىلغىسىدا زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە، نۇرغۇن يېزا كەنت زىرائەتلىرىنىڭ ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن پاكا ئۆسكەنلىكىنى، قىسمەن ئېتىزلاردا سۇ كەمچىل بولغاچقا ھوسۇل بولمىغانلىقىنى كۆردى. قۇرغاقچىلىقنىڭ تەسىرىدە شىنجاڭدا بەزى يايلاقلاردا ئوتلاقلارنىڭ ئۆسۈشى ئاستا بولدى، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىغا ئېغىر تەسىر كۆرسەتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر