باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت مۇداپئە مىنىستىرلىقى: جۇڭگو ئامېرىكىنى ئالاقىدار جۇڭگوغا قارىتىلغان ئاتاكىغا ئۆتۈش رازىۋېتكا پائالىيىتىنى ئازايتىشقا دەۋەت قىلىدۇ

2014.08.25 09:30         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت مۇداپئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ياڭ يۈجۈن 23-ئاۋغۇست جۇڭگو ئامېرىكىنى ئالاقىدار خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا قائىدىگە ھەقىقىي ئەمەل قىلىپ، جۇڭگوغا قارىتىلغان ئاتاكىغا ئۆتۈش رازىۋېتكا پائالىيىتىنى ئازايتىشقا دەۋەت قىلدى دېدى.

  ياڭ يۈجۈن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 19-ئاۋغۇست چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 دا، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ P3 تىپلىق سۇ ئاستى پاراختىغا قارشى ئايروپىلانى بىلەن P8 تىپلىق بىر چارلاش ئايروپىلانى ئېلىمىزنىڭ خەينەن ئارىلىنىڭ شەرقىدىن 220 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ھاۋا بوشلۇقى ئەتراپىدا ئاتاكىغا ئۆتۈش رازىۋېتكىسى ئېلىپ باردى، جۇڭگو دېڭىز ئارمىيىسى ئاۋىيا قىسمىنىڭ قىرغۇچى 11 تىپلىق بىر ئايروپىلانى ئۇچۇپ بېرىپ قەرەللىك پەرق ئېتىپ تەكشۈردى.

  ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ مەزگىلدە جۇڭگونىڭ ئۇچقۇچلىرىنىڭ ئالاقىدار مەشغۇلاتى كەسىپىي بولدى ھەمدە ئامېرىكا ئايروپىلانى بىلەن بىخەتەر ئارىلىقنى ساقلىدى، ئامېرىكىنىڭ جۇڭگونى ئەيىبلىشى تامامەن پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ.

  ياڭ يۈجۈن مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ جۇڭگوغا كەڭ كۆلەمدە، يۇقىرى رېتىمدا ئاتاكىغا ئۆتۈپ رازىۋېتكا قىلىشى جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا دېڭىز ھاۋا ھەربىي بىخەتەرلىكگە زىيان كەلتۈرىدىغان، تاسادىبىي ئەھۋالنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مەنبە.

  ياڭ يۈجۈن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ئامېرىكىنى ئالاقىدار خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا ئادەتكە ھەقىقىي ئەمەل قىلىپ، دېڭىز قىرغىقى دۆلەتلىرىنىڭ بىخەتەرلىك جەھەتتىكى كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشلىرىغا ھۆرمەت قىلىپ، ئىككى تەرەپنىڭ دېڭىز ھاۋا ھەربىي ئىشلار بىخەتەرلىك مەسىلىسىدىكى ئىختىلاپلارنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشقا دەۋەت قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر