باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئەنگلىيە ئەسەبىي تەشكىلات بولغان «ئىراق ۋە لىۋانت ئىسلام دۆلىتى»گە زەربە بەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى

2014.08.25 09:56         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شۇ جاينىڭ ۋاقتى 22-ئاۋغۇست، ئەنگلىيەنىڭ دىپلوماتىيە ۋەزىرى فىلىپ خارمونىت، ئەنگلىيەنىڭ سۇرىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئەسەبىي تەشكىلات بولغان ئىراق ۋە لىۋانت ئىسلام دۆلىتىگە زەربە بەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  مۇشۇ ھەپتە ئېلان قىلىنغان ئامېرىكىلىق مۇخبىرنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى توغرىسىدىكى ۋىدېيودا، يۈزىنى ئورىۋالغان كىشىنىڭ ئەنگلىيەلىك پۇقرا ئىكەنلىكى گۇمان قىلىنغان، ئەنگلىيە ساقچىلىرى ۋە بىخەتەرلىك تارماقلىرى بۇ كىشىنىڭ سالاھىيىتىنى ئېنىقلىماقچى بولغان. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، «ئىراق ۋە لىۋانت ئىسلام دۆلىتى» ئەسەبىي تەشكىلاتىغا چەتئەللىك تەخمىنەن 2 مىڭ كىشى قاتناشقان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى تۆتتىن بىر قىسىم كىشى ئەنگلىيەلىك ئىكەن، خارمونىت، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىم تەدبىر قوللىنىپ، ئەنگلىيەلىك پۇقرالارنىڭ سۇرىيەگە ياكى ئىراققا بېرىپ غازاتقا قاتنىشىشنى توسماقچى بولدى دېگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر