باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رۇسىيەنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى ياردەم بېرىش ئاپتوموبىل ئەترىتى ۋەزىپىنى ئورۇنلاپ رۇسىيىگە قايتىپ كەلدى

2014.08.25 10:00         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ 23-ئاۋغۇست خەۋەر قىلىشىچە: ئىنسانپەرۋەرلىك ماددىي ئەشيالىرى قاچىلانغان رۇسىيىنىڭ ئاپتوموبىل ئەترىتى ماددىي ئەشيالارنى ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسىمدىكى لۇگانسىك شەھىرىگە يەتكۈزگەن، تۇنجى تۈركۈمدىكى ئاپتوموبىل ئەترىتى شۇ كۈنى رۇسىيىگە قايتىپ كەلگەن.

  ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى كۆزەتكۈچىلەر ئۆمىكىنىڭ مەسئۇلى شۇ كۈنى مۇنداق دېدى: رۇسىيىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىل ئەترىتىنىڭ رۇسىيە تەۋەسىگە قايتىپ كېلىشى نورمال ئەھۋالدا ئىلىپ بېرىلدى، ھېچقانداق ۋەقە يۈز بەرمىدى.

  باشقا خەۋەرلەرگە قارىغاندا، رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 23- ئاۋغۇست بايانات ئېلان قىلىپ، «رۇسىيە تەرەپ ئىنسانپەرۋەرلىك ماددىي ئەشيالىرىنىڭ ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي جەنۇبىغا يەتكۈزۈلگەنلىكىدىن مەمنۇن بولدى، ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي جەنۇبى قىسمىدىكى ئاھالىلەر بۇندىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە يەنىلا رۇسىيەنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىگە مۇھتاج» دېگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر