باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە يېزا ئىگىلىك ئېشىندا ئەمگەك كۈچىنى يۆتكىدى

2014.08.25 10:03         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 3-دېۋزىيەسىدىن كەلگەن 100 ئاز سانلىق مىللەت ئىشچىسى 21-ئاۋغۇست گۇاڭدۇڭنىڭ دۇڭگۈەنگە يېتىپ بېرىپ، شۇ جايدىكى كارخانىدا بىر يىللىق ئىشلەمچىلىك تۇرمۇشىنى باشلىدى. بۇ شىنجاڭ بىڭتۈەنىنىڭ تۇنجى قېتىم تەشكىللىك ۋە كۆلەملىك ھالدا ئاز سانلىق مىللەت ئىشچىلىرىنى شىنجاڭدىن باشقا ئۆلكىلەرگە ئىشلەمچىلىككە بېرىشقا تەشكىللىشى.

  شىنجاڭ بىڭتۈەن 3-دېۋزىيەسى ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ساۋ جۈنيۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم تەشكىللىگەن 107 ئاز سانلىق مىللەت ئىشچىسى 3-دېۋزىيەدىكى تۇمۇشۇق شەھىرىنىڭ 51- ۋە 53-پولكىدىن كەلگەن. دۇڭگۈەننىڭ 3-دېۋزىيەنىڭ خىزمىتىگە ياردەم بېرىۋاتقان بىر ھەمكارلىق مەزمۇنى سۈپىتىدە ئىككى تەرەپنىڭ كېلىشىمىگە ئاساسەن، بۇ ئىشلەمچىلەرنىڭ سىناق تەرىقىسىدە ئىشلىتىلىتىش مۇدددىتى توشقاندىن كېيىن، ئايلىق كىرىمى 2500 يۈەندىن ئاشىدۇ. بۇ شۇ جايدىكى قىسمەن قېيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى تەس بولۇشىنى ھەل قىلىش، 3-دېۋزىيەنىڭ يېزا ئىگىلىك ئېشىندا ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ يۆتكىلىشىدىكى بىر مۇھىم سىناق.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر