باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ ئىلبېك دورجى بىلەن يەنە بىر قېتىم ئۇچراشتى

2014.08.25 09:28         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 22-ئاۋغۇست موڭغۇلىيە زۇڭتۇڭى ئىلبېك دورجى بىلەن يەنە بىر قېتىم ئۇچراشتى.

  چۈشتە، شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى پىڭ لىيۈەن ئۇلانباتۇر شەھەر ئەتراپىدىكى زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىدە، زۇڭتۇڭ ئىلبېك دورجى ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسىنىڭ قىزغىن كۈتۈۋېلىشىغا ئېرىشتى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى سەمىمىي دوستانە كەيپىيات ئىچىدە جۇڭگو موڭغۇلىيە مۇناسىۋىتى ۋە ئورتاق كۆڭۈل بۆلۈدىغان زور مەسىلىلەردە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پىكىر ئالماشتۇردى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: مېنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىمنىڭ ۋاقتى قىسقا بولسىمۇ، بىراق ئىنتايىن سەمىمىي ھېس قىلىپ مەندە ئۇرۇق-تۇغقانلارنى يوقلىغان تۇيغۇ پەيدا بولدى. موڭغۇلىيە بىزنى ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇردى ۋە قىزغىن كۈتۈۋالدى، بىز بۇنىڭدىن موڭغۇلىيە خەلقنىڭ چوڭقۇر دوستلۇقنى ھېس قىلدۇق. بىز ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋەتكە كۆتۈرۈشنى بىرىدەك قارار قىلدۇق ھەمدە ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق توغرىسىدا كۆپلىگەن مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدۇق. مەن زىيارىتىمنىڭ مول نەتىجىلەرگە ئېرىشكەنلىكىدىن مەمنۇن. مەن سىز بىلەن قويۇق ئالاقە ۋە ماسلىشىشنى ساقلاپ، ئىككى تەرەپ ھاسىل قىلغان ئورتاق تونۇشلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىق تۈرلىرىنىڭ بالدۇرراق ئۈنۈم بېرىشىگە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئۆز ئارا ھۆرمەتلەش، باراۋەرلىكتە ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا داۋاملىق مۇقىم تەرەققىي قىلىشىغا تۇرتكە بولۇشنى خالايمەن.

  ئىلبېك دورجى مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى مۇھىم نەتىجىلەرگە ئېرىشىپ، بىر قېتىملىق تارىخى خاراكتېرلىك زىيارەت بولدى. بىز ناھايىتى ياخشى ۋە چوڭقۇر سۆھبەتلەشتۇق. سىز بىلەن بىرگە بولۇپ ناھايىتى يېقىنلىق ھېس قىلىپ، ماڭا گۈزەل ۋە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. مەن بىزنىڭ ئوتتۇرمىزدىكى قېرىنداشلارچە دوستلۇق ھېسسىياتىنى قەدىرلەيمەن، سىز بىلەن بىرلىكتە ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، موڭغۇلىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىش ئارقىلىق ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت يارىتىش يولدا تىرىشىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر