باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

كۇچا ناھىيەسىدە تېرىقچىلىقتىن بوشتىلغان يەرلەرگە ئورمان بىنا قىلىش قۇرۇلۇشى ئۈنۈم بەردى

2014.08.22 15:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تەكلىپلىك مۇخبىرىمىز نىياز راھمان ، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئامانگۈل توختى خەۋىرى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كۇچا ناھىيەسى ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، تېرىقچىلىقتىن بوشىغان يەرلەرگە ئورمان بىنا قىلىش قۇرۇلۇشى ۋە بىنەمگە ئورمان بىنا قىلىش تۈرىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، يېشىللارشتۇرۇش كۆلىمىنى كېڭەيتىش ئارقىلىق ئېكېئولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشىلاشقا تۈرتكە بولدى.

  بۇ ناھىيە 2002-يىلدىن ئېتىبارەن تېرىقچىلىقتىن بوشىتىلغان يەرلەرگە ئورمان بىنا قىلىش قۇرۇلۇشى ۋە بىنەمگە ئورمان بىنا قىلىش تۈرى پىلانىنى تۈزۈپ، يېڭىدىن ئورمان بىنا قىلغان دېھقان ئائىلىلىرى ۋە كوللېكتىپ ئورمان بىنا قىلغانلارغا ھەر يىلى بىنا قىلغان ئورمان تەكشۈرۈپ تاپشۇرۋېلىنغاندىن كېيىن، تېرەك، سۆگەت، قاراياغاچ، ياڭاق، چىلان، نەشپۈت، ئۆرۈك قاتارلىق ئېگىز غوللۇق دەرەخ بىلەن ئورمان بىنا قىلسا ھەر موسىغا 300 يۈەندىن؛ جىگدە، يۇلغۇن قاتارلىق چاتقال ئورمان بىنا قىلسا ھەر موسىغا 120 يۈەندىن تولۇقلىما بېرىش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، كوللېكتىپ ۋە شەخسىيلەرنىڭ تېرىقچىلىقتىن بوشتىلغان يەرلەرگە ئورمان بىنا قىلىش ۋە بىنەمگە ئورمان بىنا قىلىش ئاكتىپلىقىنى يۇقىرى كۆتەردى.

  نەتىجىدە، تۈر قۇرلۇشى يولغا قويۇلغاندىن ھازىرغىچە، تېرىقچىلىقتىن بوشىتىلغان يەرلەرگە ئورمان بىنا قىلىش تۈرى ۋە بىنەمگە ئورمان بىنا قىلىش تۈرىگە 9 مىليون 104 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، تېرىقچىلىقتىن بوشىتىلغان يەرلەرگە ئورمان بىنا قىلىش تۈرىدە بىنەمگە بىنا قىلىنغان ئورمان كۆلىمى 129 مىڭ 400 موغا يېتىپ، ئېكېئولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ ياخشىلىنىشىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولدى.

  مۇخبىر: كۇچا ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى تاشقى تەشۋىقات ئىشخانىسىدا

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر