باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ موڭغۇلىيە دۆلەت خۇلىرىنىڭ رەئىسى ئېنخېبولېد بىلەن كۆرۈشتى

2014.08.25 08:55         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 22-ئاۋغۇست ئۇلانباتوردا مۇڭغۇلىيە دۆلەت خۇلىرىنىڭ رەئىسى ئېنخېبولېد بىلەن كۆرۈشتى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تۆنۈگۈن مەن زۇڭتۇڭ ئېلبېگ دورجى بىلەن ئىنتايىن ياخشى سۆھبەتلىشىپ، نۇرغۇن ئەمەلىي نەتىجىلەرگە ئېرىشتۇق. موڭغۇلىيە دۆلەت خۇلىرىنىڭ ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنى پائال قوللاپ، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىغا ئاشكارا، مۇقىم، ياخشى قانۇنىي مۇھىت يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ موڭغۇلىيە دۆلەت خۇلىرى بىلەن بولغان دوستلۇق ئالاقىسى ئىنتايىن قويۇق بولدى. جۇڭگو رەئىس ئېنخېبولېدنىڭ بۇ يىل جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇشىنى قارشى ئالىدۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ قانۇن چىقىرىش ئورگانلىرىنىڭ قەرەللىك ئالماشتۇرۇش مېخانىزىمىنى ئورنىتىپ، پارتىيىلەر ئارا، ياشلار ئارا ئالاقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو بىلەن موڭغۇلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى ھاياتى كۈچ قوشۇشىنى قوللايدۇ.

  ئېنخېبولېد مۇنۇلارنى بىلدۈردى: موڭغۇلىيە دۆلەت خۇلىرى جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى موڭغۇلىيەنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىدە ئەڭ مۇھىم فاڭجىن سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇپ، جۇڭگونىڭ تەيۋەن، شىزاڭغا چېتىلىدىغان مەسىلىلەردىكى مەيدانىنى قوللايدۇ. موڭغۇلىيە دۆلەت خۇلىرى ئىككى دۆلەتنىڭ قانۇن چىقىرىش ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىسىنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. مەن بۇ يىل 10-ئايدا جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇپ، جۇڭگو بىلەن ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ قانۇن چىقىرىش ئورگانلىرىنىڭ قەرەللىك ئالماشتۇرۇش مېخانىزىمىنى باشلاپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇق ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ھەسسە قوشۇشنى كۈتمەكتىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر