باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ موڭغۇلىيە زۇڭلىسى ئالتۇنخۇياڭ بىلەن كۆرۈشتى

2014.08.25 09:27        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 22-ئاۋغۇست ئۇلانباتۇردا موڭغۇلىيە زۇڭلىسى ئالتۇنخۇياڭ بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: مەن زۇڭتۇڭ ئىلبېك دورجىنىڭ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو موڭغۇلىيە مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋەتكە كۆتۈرۈشكە بىردەك قوشۇلدۇق ھەمدە بىر قاتار مۇھىم ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئىمزالىدۇق. جۇڭگو موڭغۇلىيە بىلەن بىرلىكتە، جۇڭگو بىلەن موڭغۇلىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش يولىدا تېرىشىشنى خالايدۇ. جۇڭگونىڭ ئەتراپ دىپلوماتىيەسىنىڭ سەمىمىيلىك ، پايدا يەتكۈزۈش، سىغدۇرۇش قارشى موڭغۇلىيەگە تامامەن ئۇيغۇن كېلىدۇ. بىر تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن ۋە تەرەققىي قىلغان جۇڭگو موڭغۇلىيەگە تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت ئېلىپ كېلىدۇ.

  ئالتۇنخۇياڭ مۇنداق دېدى: موڭغۇلىيە بىلەن جۇڭگو يېقىن قوشنىلار، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ موڭغۇلىيەگە قىلغان زىيارىتى جۇڭگونىڭ موڭغۇلىيە بىلەنمۇ بولغان مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تولۇق گەۋدىلەندۈردى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ موڭغۇلىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى قارار قىلىشى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا پارلاق ئىستىقبال يارىتىپ بېرىدۇ. موڭغۇلىيە جۇڭگونىڭ قوللىغانلىقىغا ۋە ياردەم بەرگەنلىكىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىدۇ ھەمدە جۇڭگو يولغا قويغان سەمىمىي، ھەقىقى، نەپ يەتكۈزۈش، كەڭ قورساق بولۇشتەك ئەتراپ دىپلوماتىيە قارشىنىڭ موڭغۇلىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەتراپىدىكى دۆلەتلەرگە مۇھىم پۇرسەت يارىتىپ بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. موڭغۇلىيە يايلاق يولى قۇرۇلۇش تەشەببۇسى بىلەن جۇڭگو تەرەپنىڭ يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلۋاغ تەشەببۇسىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۆز ئارا ئالاقىلىشىش ۋە چېگرا ھالقىغان ترانسپورتنى كۈچەيتىپ، مەزكۇر رايونىدىكى دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئەتىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئورتاق تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىشىنى خالايدۇ. موڭغۇلىيە ئىككى دۆلەتنىڭ ئادىمىيەت ۋە ياشلارنىڭ ئالماشتۇرۇشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ يەنە ئالتۇنخۇياڭ بىلەن جۇڭگو موڭغۇلىيە ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقى ئەسلىمە كۆرگەزمىسىنىڭ ئىچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە كۆرگەزمە ئۈچۈن لېنتا كەستى. ھەر بىر سۈرئەتتە جۇڭگو بىلەن موڭغۇلىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 65 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر نۆۋەتلىك رەھبەرلىرىنىڭ ئورتاق كۆڭۈل بىلىشى ۋە تۈرتكە بولۇشى ئارقىسىدا، جۇڭگو بىلەن موڭغۇلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقى، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشى قاتارلىق جەھەتلەردىكى مول نەتىجىلەر جانلىق نامايان قىلىندى.

  شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رەپىقىسى پىڭ لىيۈەن بىلەن زۇڭتۇڭ ئىلبېك دورجىنىڭ رەپىقىسى بولۇلما جۇڭگو موڭغۇلىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 65 يىللىقى يەنى جۇڭگو موڭغۇلىيە دوستانە ئالماشتۇرۇش يىلى ئۆتكۈزگەن جۇڭگو مەدەنىيەت ھەپتىلىكىنىڭ ئىچىلىش مۇراسىمىغا بىرلىكتە قاتناشتى مۇراسىمنىڭ لېنتىسىنى كەستى. ئۇلار موڭغۇلىيە سەنئەتچىلىرىنىڭ ئېسىل نومۇرلىرىنى كۆردى ھەمدە جۇڭگو دوڭخۇاڭ مەدەنىيەت سەنئەت كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، دوڭخۇاڭ تاش كېمىر رەسىملىرى، چالغۇ قاتارلىق سەنئەت ئەسەرلىرىنى كۆردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر