باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ تۈنۈگۈن خەلق سارىيىدا كېرىموف بىلەن كۆرۈشتى(1)

2014.08.25 09:00   مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

لى كېچياڭ تۈنۈگۈن خەلق سارىيىدا كېرىموف بىلەن كۆرۈشتى(1)

  باش مىنىستىر لى كېچياڭ تۈنۈگۈن خەلق سارىيىدا ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى كېرىموف بىلەن كۆرۈشتى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: بىز ئۆزبېكىستاننىڭ جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە قەتئىي قوللىغانلىقىغا ئاپىرىن ئېيتىمىز، ئۆزبېكىستاننىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى ئاۋۋالقىدەكلا قوللايمىز. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو ئۆزبېكىستان شۇنداقلا بۇ رايوندىكى باشقا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىغا تۈرتكە بولۇپ، قاتناش ئاساسىي ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ئاۋۋالقىدەكلا يولغا قويۇپ، ئېنېرگىيە، سانائەت باغچىسى، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشىنى زور دەرىجىدە قانات يايدۇرۇپ، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنىڭ ئەلرايى ئاساسىنى تېخىمۇ پۇختىلايدۇ.

  كېرىموف مۇنداق دېدى: ئۆزبېكىستان جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ھاسىل قىلغان ئورتاق تونۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قاتناش ئاساسىي ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، ئېنېرگىيە، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىپ، رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداپ، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچۇرنىڭ، قاتناشنىڭ راۋانلىقىغا، خەلق رايىنىڭ تېخىمۇ مايىللىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

【1】 【2】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·ئۆزبېكىستاننىڭ %50 ئائىلىسىدە مىنبۇس ماشىنا بار
      ·بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش ئىستىلىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىگە ئوقۇغۇچىلارنى قاتناشتۇرۇش…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى باشلانغۇچ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئائىلە ئەمگەك تاپشۇرۇقىنى كۆپەيتىشنى بەلگىلىدى
      ·يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش كۇچا ناھىيەسىنىڭ كەنىتلىرىنى قاپلىدى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇغۇچىلار رويخېتى سىستېمىسى ئارقىلىق پەرزەنتلەرنىڭ كۆچۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرىدۇ
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەر ھەرقانداق شەكىلدە ئوقۇشقا كىرىش-ئۆر…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ھەربىر ئوقۇغۇچىغا مەملىكەت بويىچە بىردىنبىر ئوقۇش تەۋەلىك نومۇرى تارقىلىتىدۇ
      ·كۈندە بىر سائەت ئويۇن ئويناش بالىلار ئۈچۈن پايدىلىق
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: 2014-يىلدىن باشلاپ ئىمتىھانسىز قوبۇل قىلىنىدىغان ئاسپىرانتلارنىڭ مەكتەپتە قېل…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى خېڭ شۈي ئوتتورا مەكتىپىنى ئۆز ئىچگە ئالغان قالايمىقان ھەق ئېلىشقا ئالاقىدار بە…