خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەنگلىيە«كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 15-ئاۋغۇست سانىدىكى خەۋرىدە، يېقىندا ئامېرىكىدىكى مەشھۇر شەخسلەر ئارا «بېشىغا مۇز سۈيى قۇيۇپ بەسلىشىش» دىگەن يېڭى بىر ئويۇن مودا بولغان بۇلۇپ، 14-ئاۋغۇست مىلياردېر ساخاۋەتچى بىل گەيتس مارك زەككېربېرگنىڭ بەسلىشىش تەلىپىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ بەسلىشىشىنى تاماملىغان ۋىدىيوسىنى YouTube غا چىقارغان، تورداشلار «كاتتىلىرىمىز قىلغىلى قىلىق تاپالماي ئويناپ ساراڭ بولۇپ قاپتۇ» دېيىشكەن.
ئامېرىكىدىكى بۇنچىۋالا كۆپ مەشھۇر شەخسلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن بۇ ئويۇن زادى قانداق ئويۇن؟ ئەسلىدە بۇ بىر ساخاۋەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك بەسلىشىش بولۇپ، بەسلىشىشنى قوبۇل قىلغان تەرەپ بىر چىلەك مۇز سۈيىنى بېشىدىن قۇيۇپ ئېلىنغان ۋىدىيوسىنى تورغا يوللايدۇ ھەم باشقىلارنى بەسلىشىشكە چاقىردۇ. بۇ بەسلىشىش چوقۇم 24 سائەت ئىچىدە تاماملىنىشى كېرەك، تاماملىيالمىغانلار ئادەتتە بۇلجۇڭ يىگىلەش كېسىلى ساخاۋەت فوندىغا 100 دوللار ئىئانە قىلىدۇ.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى