باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

پۈتۈن مەملىكەتنىڭ مالىيە ئىجتىمائىي كاپالەت ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش چىقىمى ئەھۋالى ئېلان قىلىندى

2014.08.25 08:59         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مالىيە مىنىستىرلىقى ئىجتىمائىي كاپالەت مەھكىمىسى 20-ئاۋغۇست مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ھۆكۈمەت تور بېكىتىدە تۇنجى قېتىم ئاي بويىچە بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يەتتە ئېيىدىكى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ مالىيە ئىجتىمائىي كاپالەت ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش چىقىمى ئەھۋالىنى ئېلان قىلدى، مۇتەخەسسىسلەر مالىيە ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش سالمىقىنى زورايتىش جەمئىيەتنىڭ ھەر يىلى چىقىم قىلىنىۋاتقان ترلىيون يۈەندىن ئاشىدىغان، كۆلىمى كۈنسايىن زورىيىۋاتقان ئىجتىمائىي كاپالەت ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش مەبلىغىگە ناھايىتى كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، دېدى.

  مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدىن ئايان بولۇشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يەتتە ئېيىدا، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ مالىيە ئىجتىمائىي كاپالەت ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش جۇغلانما چىقىمى 965 مىليارد 360 مىليون يۈەن بولۇپ، ئۆتكەن يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 12.6% ئاشقان.

  بۇنداق زور كۆلەمدىكى مالىيە ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مەبلىغى قايسى تەرەپلەرگە ئىشلىتىلىدۇ؟ مالىيە مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان مەزمۇنلاردىن قارىغاندا نۇقتىلىق ھالدا مۇنداق ئالتە تەرەپكە ئىشلىتىلگەن: مالىيەنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت فوندىغا تولۇقلىما بېرىش چىقىمى، مەمۇرىي كەسپى ئورۇنلاردىن دەم ئېلىش، پېنسىيىگە چىققانلارنىڭ چىقىمى، ئىشقا ئورۇنلىشىش تولۇقلىما چىقىمى، شەھەر ئاھاللىرىنىڭ ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى چىقىمى، يېزىلارنىڭ ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى چىقىمى، تەبىئىي ئاپەت تۇرمۇش قۇتقۇزۇش چىقىمى.

  سانلىق مەلۇماتتىن ئايان بولۇشىچە، ئالدىنقى يەتتە ئايدا تەبىئىي ئاپەت قۇتقۇزۇش چىقىمى 8 مىليارد 14 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.1 ئاشقان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر