خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: 19-ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جىڭشېڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە رەئىسلەر خىزمەت يىغىنى ئېچىلىپ، نۇقتىلىق تەكلىپلەرنىڭ بىجىرىلىش خىزمىتى تەتقىق قىلىندى، «بازارنىڭ ھەل قىلغۇچ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، كېمىسازلىق كەسپىنىڭ ئېھتىياجدىن ئېشىپ كېتىشىنى تۈگىتىش، دېڭىز سانائىتى كەسپىنىڭ ساغلام تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش» توغرىسىدىكى مۇھىم تەكلىپنىڭ بىجىرىلىش، ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.
تەكلىپ بېرىش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى سۈن گەن نۇقتىلىق تەكلىپلەرنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى ۋە تەپتىش قىلىش ئەھۋالىدىن دوكلات بەردى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش بۇ يىل 49 مۇھىم تەكلىپنى مۇقىملاشتۇرغان بولۇپ، نۇقتىلىق تەكلىپلەرنى بىجىرىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش خىزمىتى چوڭقۇر، پۇختا ئىشلەندى، بىجىرگۈچى ئورۇن ئەستايىدىل، مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن بىجىرىپ ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشتى.
جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى