باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«ساياھەت كەسپىي ئىسلاھاتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ھەققىدىكى بىر قانچە پىكىر» تارقىتىلدى

2014.08.25 08:53         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن 21-ئاۋغۇست «ساياھەت كەسپىي ئىسلاھاتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ھەققىدىكى بىر قانچە پىكىر»نى بېسىپ تارقىتىپ، ئاممىۋىي بايلىق مەنزىرە رايونىنىڭ بېلەت باھاسىدا پاراۋانلىقنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئەتىيازلىق تەتىلگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشلىق يىللىق دەم ئېلىشنى كونكرت ئەمەلىيلەشتۈرۈش چارىسىنى تۈزۈش تەلەپ قىلدى. پىكىردە يەنە، ئىلمىي ساياھەت قىلىش قارىشى تۇرغۇزۇش، ساياھەتتە ئېكىسكۇرسىيە قىلىش، دەم ئېلىشنى بىرلەشتۈرۈشكە قاراپ بۇرۇلۇش ياساش تەلەپ قىلدى.

  ئىستاتىستىكىغا قارىغاندا، بۇلتۇر مەملىكەت ئىچىدىكى ساياھەتچىلەر 3 مىليارد 260 مىليون ئادەم قېتىمغا يېتىپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر بىر كىشى يىلىغا ئىككى قېتىم سىرتقا چىقىپ ساياھەت قىلغانغا توغرا كېلىدىكەن. مۆلچەرلىنىشىچە، 2020-يىلىغا بارغاندا، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر بىر كىشىنىڭ يىلىغا سىرتقا چىقىپ ساياھەت قىلىش قېتىم سانى ھازىرقى ئاساستا يەنە بىر قاتلىنىدىكەن. ساياھەت قىلىش ئامما تۇرمۇشىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان بىر قىسمىغا ئايلانغان. ئەمما ساياھەت مەنزىرە رايونلىرى بېلەت باھاسىنىڭ ئۆسىشى، بايرامدىكى قىستاڭچىلىق، توپلىشىپ دەم ئېلىش ئېلىمىزنىڭ ساياھەتچىلىك ئىشلىرىدىكى 3 قىيىن مەسىلە، دەپ قارالماقتا.

  پىكىردە تۇنجى قېتىم، ئاممىۋىي بايلىق تىپىدىكى مەنزىرە رايونلىرىنىڭ بېلەت باھاسىدا پاراۋانلىقنى گەۋدىلەندۈرۈش تەلەپ قىلىنىپ، كىرىش بېلىتىنىڭ باھاسىنى چەكسىز ئۆستۈرۈش چەكلەندى.

  توپلىشىپ دەم ئېلىش ئىشىغا قارىتا پىكىردە: ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى بەلگىلىمە بويىچە ئەتىيازلىق تەتىلگە قويۇپ بېرىش، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ مۇئاشلىق دەم ئېلىشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى ھەمدە تۇنجى قېتىم بۇنىڭ ۋاقىت جەدۋىلى ئېلان قىلىندى. يەنى مائارىپ مىنىستىرلىقى 2015-يىلى 6-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن كونكرىت تەدبىر چىقىرىدۇ. تەتىل ۋاقتى پارچىلىنىپ، ئىلگىرىكى مەركەزلىك قىشلىق، يازلىق تەتىل ۋاقتى تارقاقلاشتۇرۇلۇپ، ئەتىيازلىق تەتىلگە ۋاقىت ئاجرىتىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر