- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ھەيئەتلەر يىغىنى ئېچىلدى
2014.08.21 15:30 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 19-چېسلا گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ھەيئەتلەر يىغىنى ئېچىلىپ، يۈننەن لۇديەندىكى يەرتەۋرەشتە يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش توغرىسىدىكى ئەڭ يېڭى ئەھۋاللار ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەر تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى، تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئورگانلارنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش تەدبىرلىرىنى تۈزۈش، ئىسلاھات ئۈنۈمىنى داۋاملىق كېڭەيتىش، پەن-تېخنىكا مۇلازىمەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش، يېڭىلىق يارىتىشقا مەدەت بېرىش قاتارلىقلار ئورۇنلاشتۇرۇلدى.
جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر