باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر>>ليۇ يۈنشەن

ليۇ يۈنشەن: دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى تەتقىقاتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچىنى ئۇيۇشتۇرايلى

2014.08.22 15:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇنىڭ شۇجىسى ليۇ يۈنشەن 21-چېسلا مەملىكەتلىك يولداش دېڭ شياۋپىڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 110 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يولداش دېڭ شياۋپىڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 110 يىللىقىنى خاتىرىلەش سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، يولداش دېڭ شياۋپىڭنىڭ تارىخىي خاراكتېرلىك ۋە ئاجايىپ تۆھپىلىرىنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىپ، يولداش دېڭ شياۋپىڭنىڭ يۈكسەك خىسلىتىدىن ئۆگىنىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى تەتقىقاتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يىڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچىنى ئۇيۇشتۇرۇشىمىز كېرەك.

  ليۇ يۈنشەن مۇنۇلانى كۆرسەتتى: دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسىنىڭ ياراتقۇچىسى بولۇپ، بىزنىڭ غەلىبىسېرى ئالغا ئىلگىرىلەش ئۇلۇغ بايرىقىمىزنى تىكلەپ بەردى. يېڭى ۋەزىيەتتە دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى تەتقىقاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدىن ئىبارەت بۇ مەسىلىنى زىچ چۆرىدەپ، كىشىلەرنىڭ يول ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچىنى ئاشۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىغا بولغان ئېتىقاد، ئىشەنچىنى مۇستەھكەملەش؛ پارتىيەنىڭ ئىدىيەۋى لۇشيەنىدە باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، راستچىل-ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، ئەمەلىيەت ئاساسىدا نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈش؛ ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشنىڭ ئەمەلىي غەلىبىسى ۋە قىممەتلىك تەجرىبىلىرىنى چوڭقۇر يەكۈنلەپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى ئورتاق تونۇشنى تېخىمۇ ياخشى مۇجەسسەملەپ، ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش ئۇلۇغۋار ئىشلىرىنى قىلچە تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىش؛ پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىتتپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشتەك ئورتاق ئىدىيە ئاساسىنى مۇستەھكەملەشنى كۆزدە تۇتۇپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى كۈچەپ يېتىشتۈرۈش ۋە ئەۋج ئالدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، روھنى تېخىمۇ ياخشى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاساسىنى تېخىمۇ ياخشى مۇستەھكەملەش؛ ماركىسىزملىق ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە قۇرۇلۇشى قانۇنىيەتلىرىنى توغرا ئىگىلەپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى دۇچ كېلىۋاتقان يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىكى يېڭى، ئۇلۇغۋار قۇرۇلۇشلارنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر