باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر>>شى جىنپىڭ

شى جىنپىڭ موڭغۇلىيە زۇڭتۇڭى ئەلبېگ دورجىن بىلەن سۆھبەتلەشتى(1)

ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى بىردەك جۇڭگو-موڭغۇلىيە مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە كۆتۈرۈشنى قارار قىلدى

2014.08.22 15:56   مەنبە: خەلق تورى

شى جىنپىڭ موڭغۇلىيە زۇڭتۇڭى ئەلبېگ دورجىن بىلەن سۆھبەتلەشتى(1)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 21-چېسلا، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئۇلانباتۇردا موڭغۇلىيە زۇڭتۇڭى ئەلبېگ دورجىن بىلەن سۆھبەتلەشتى. 21-چېسلا، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئۇلانباتۇردا موڭغۇلىيە زۇڭتۇڭى ئەلبېگ دورجىن بىلەن سۆھبەتلەشتى. سۆھبەت يىغىنىدىن بۇرۇن ئەلبېگ دورجىن دۆلەت سارىيى ئالدىدىكى خەلق مەيدانىدا شى جىنپىڭنى داغدۇغلۇق كۈتۈۋېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. 21-چېسلا، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئۇلانباتۇرغا يېتىپ كېلىپ، موڭغۇلىيەگە بولغان دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى. مۇڭغۇلىيە زۇڭلىسى ئالتان كۇياغ بىلەن خانىمى ئايرودرومدا شى جىنپىڭ ۋە خانىمى پېڭ لىيۈەننى قىزغىن كۈتۈۋالدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 21-چېسلا ئۇلانباتۇردا موڭغۇلىيە زۇڭتۇڭى ئەلبېگ دورجىن بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى جۇڭگو-موڭغۇلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى خۇلاسىلەپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى پىلانلىدى ھەمدە بىر يۈرۈش ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، ئىككى تەرەپ جۇڭگو-موڭغۇلىيە مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىگە كۆتۈرۈش، ئىناق قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتىنى داۋاملاشتۇرۇش، ھەمكارلىشىپ مۇداپىئە كۆرۈش، ئۆزئارا ئىشەنچنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، جۇڭگو-موڭغۇلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى تارىخىي سەھىپە ئېچىشنى قارار قىلدى. ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى سۆھبەتلەشتى. ئەلبېگ دورجىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل جۇڭگو-موڭغۇلىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىغا 65 يىل بولدى، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ موڭغۇلىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇشى مۇھىم تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو-موڭغۇلىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 65 يىلدىن بۇيان دوستلۇق ۋە ھەمكارلىق ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدىكى ئاساسىي ئېقىم بولۇپ كەلدى. بۇ قېتىم ئىككى تەرەپنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە كۆتۈرۈشنى قارار قىلىشى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن. ئىككى تەرەپ نۇقتىلىق ھالدا تۆۋەندىكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

  بىرىنچى، سىياسىي بىخەتەرلىك جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش.

  ئىككىنچى، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىش. ئىككى تەرەپ جۇڭگو-موڭغۇلىيە ھۆكۈمەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق مېخانىزمىنى داۋاملىق ياخشى قوللىنىپ، جۇڭگو-موڭغۇلىيە تاشقى ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىنىڭ ئوتتۇرا دەۋر تەرەققىيات تېزىسىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 2020-يىلىغا بارغاندا ئىككى تەرەپ سودا سوممىسىنى 10 مىليارد دوللارلىق نىشانغا يەتكۈزۈش. ئىككى تەرەپ قېزىلما بايلىقلارنى ئېچىش، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، ئىقتىساد ھەمكارلىقىدىكى «ئۈچنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش، بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش» پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئۆزئارا ئالاقە باغلاش، بېرىش-كېلىش قىلىش ۋە چوڭ تۈرلەردىكى ھەمكارلىقنى ئالاھىدە يۆنىلىش قىلىش، قېزىلما بايلىقلارنى چوڭقۇر پىششىقلاش، يېڭى ئېنېرگىيە، توك كۈچى، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق كەسپلىرى، چېگرا ئېغىزى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش، ئىككى تەرەپنىڭ ئۆلچەملىك پۇل ئالماشتۇرۇش كۆلىمىنى كېڭەيتىش، ئىككى تەرەپنىڭ ئەركىن سودا كېلىشىمىنى تۈزۈشتىكى تەييارلىق خىزمىتىنى تېزدىن باشلاپ، چېگرا ھالقىغان ئىقتىساد ھەمكارلىق رايونى قۇرۇشنى ئاكتىپ ئىلگىرى سۈرۈش.

  ئۈچىنچى، ئىنسانىي ئالاقىنى جانلاندۇرۇش. تۆتىنچى، خەلقئارا ۋە كۆپ ساھە ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىش.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·ئۆزبېكىستاننىڭ %50 ئائىلىسىدە مىنبۇس ماشىنا بار
      ·بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش ئىستىلىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىگە ئوقۇغۇچىلارنى قاتناشتۇرۇش…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى باشلانغۇچ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئائىلە ئەمگەك تاپشۇرۇقىنى كۆپەيتىشنى بەلگىلىدى
      ·يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش كۇچا ناھىيەسىنىڭ كەنىتلىرىنى قاپلىدى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇغۇچىلار رويخېتى سىستېمىسى ئارقىلىق پەرزەنتلەرنىڭ كۆچۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرىدۇ
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەر ھەرقانداق شەكىلدە ئوقۇشقا كىرىش-ئۆر…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ھەربىر ئوقۇغۇچىغا مەملىكەت بويىچە بىردىنبىر ئوقۇش تەۋەلىك نومۇرى تارقىلىتىدۇ
      ·كۈندە بىر سائەت ئويۇن ئويناش بالىلار ئۈچۈن پايدىلىق
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: 2014-يىلدىن باشلاپ ئىمتىھانسىز قوبۇل قىلىنىدىغان ئاسپىرانتلارنىڭ مەكتەپتە قېل…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى خېڭ شۈي ئوتتورا مەكتىپىنى ئۆز ئىچگە ئالغان قالايمىقان ھەق ئېلىشقا ئالاقىدار بە…