باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئېغىر بىمارلار 5 مىليون يۈەندىن ئارتۇق ياردەم پۇلىغا ئېرىشتى

2014.08.22 15:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تەكلىپلىك مۇخبىرىمىز نىياز راھمان خەۋىرى: كۇچا ناھىيەسى بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان يېزا-بازارلاردىكى ئېغىر بىمارلارنى داۋالاش كاپالىتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يېزىلاردىكى بەشتە كاپالەتلىك ئائىلىلەر، شەھەرلەردىكى ئۈچتە يوق ئائىلىلەر ، قارا يېتىملار، داۋالاش مەزگىلىدە دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىش خىراجىتىنى داۋاملىق تۆلەپ بولالمايدىغان شەھەر- يېزىلاردىكى تۆۋەن كاپالەت ئالىدىغانلار ۋە باشقا قۇتقۇزۇشقا تېگىشلىك ئېغىر كېسەللىككە گرىپتار بولغان نامرات ئائىلىلەرگە ياردەم بېرىش خىزمىتىنى مۇھىم ئەل رايى قۇرۇلۇشى قاتارىدا چىڭ تۇتۇپ ئىشلەپ، ئۇلارنى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئەۋزەل سىياسىتىدىن بەھرىمان قىلدى.

  ئىگىلىنىشىچە، كۇچا ناھىيەسى بۇ يىلنىڭ بېشىدىن ئاۋغۇستنىڭ ئوتتۇرىلىرغىچە شەھەر-يېزىلاردىكى 1758 ئېغىر كېسەللىككە گرىپتار بولغۇچىغا 5 مىليون 764 مىڭ يۈەن قۇتقۇزۇش ياردىمى پۇلى تارقاتقان، بۇنىڭ ئىچىدە شەھەردىكى ئېغىر كېسەللىككە گرىپتار بولغان 599 ئادەمگە 2 مىليون 80 مىڭ يۈەن ياردەم پۇلى ۋە يېزىلاردىكى ئېغىر كېسەللىككە گرىپتار بولغان 1159 دېھقانغا 3 مىليون 684 مىڭ يۈەن ياردەم پۇلى تارقىتىپ، ئۇلارغا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخۇرلىقىنى يەتكۈزگەن.

  مۇخبىر كۇچا ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى تاشقى تەشۋىقات ئىشخانىسىدا

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر