باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭىشەش بېيجىڭدا، قوش ھەپتىلىك سۆھبەت يىغىنى ئاچتى

2014.08.25 09:08         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك سىياسىي مەسلەھەت كېڭىشى تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن بېيجىڭدا، قوش ھەپتىلىك سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلۋىغى» قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئەھمىيەت بېرىشكە تېگىشلىك مەسىلىلەر ۋە تەكلىپلەر ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ پىكىر ئالماشتۇردى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جىڭشىڭ يىغىنغا رىيارەتچىلىك قىلدى ھەمدە سۆز قىلدى.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى، مۇتەخەسىس، ئالىملار سۆھبەت يىغىنىدا سۆز قىلدى. ئەزالار مۇنداق تەكلىپ بەردى: دوستانە ۋە ئىناق ئەتراپ مۇھىتى ۋە يىپەك يولى بويىدىكى دۆلەتلەر مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى يادرو قىلىپ، ئېھتىياجنى يىتەكچى قىلىپ، بىر تۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشتىكى ھەل قىلغۇچ رولىنى تولۇق جارىي قىلدۇرۇش لازىم. تۈرلۈك ئامىللارنىڭ تەسىرىنى ۋاقىتىدا تەتقىق قىلىپ ھۆكۈم چىقىرىپ، مۇۋاپىق تاقابىل تۇرۇپ، يىپەك يولى بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئېھتىياجى ۋە مەپەئەتىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۇل ئەسلىھەلەر ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، قاتناش ۋە مال ئوبوروتى كەسپى قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بېرىپ، سودا ئىشلىرىغا مەبلەغ سېلىشنى قولايلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. ئېنىرگىيە بايلىقى ۋە ئىكىلوگىيىلىك مۇھىت ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، پۇل مۇئامىلىنى قوللاش سەھنىسى قۇرۇپ، چىگرا ھالقىغان ئېلىكتىرون سودىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، چىگرا ھەمكارلىق رايونى ۋە دۆلەت ھالقىغان كەسىپ زەنجىرى بەرپا قىلىپ، كارخانىلارنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى ۋە تۈرلەرنىڭ تايانچلىق رولىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، مەدەنىيەت ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، يىپەك يولى بويىدىكى دۆلەتلەر ۋە ئاممىغا بەخىت يارىتىش لازىم.

  يىغىندىن ئىلگىرى مەملىكەتلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ تاشقى ئىشلار كومىتېتى «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلۋىغى» قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئالاقىدار مەسىلىلەر ھەققىدە يۈرۈشلۈك مەخسۇس تېمىلىق تەتقىقاتنى قانات يايدۇردى.

  دۆلەتلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى خې لىفېڭ «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلۋىغى» قۇرۇلۇشىغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى. دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى، قاتناش تىرانسىپورت مىنىستىرلىقى، سودا مىنىستىرلىقىدىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە ئەزالار بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر