گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ 20-ئاۋغۇست چۈشتىن بۇرۇن ‹‹خەلق›› سارىيىدا ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى ئىسلام كەرىموف بىلەن كۆرۈشتى.
لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو-ئۆزبېكىستان مۇناسىۋىتى تېز تەرەققىيات باسقۇچىغا كىردى. تۈنۈگۈن رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ ئەپەندىم بىلەن مول مەزمۇنلۇق سۆھبەت ئېلىپ باردى. بىز ئۆزبېكىستان تەرەپنىڭ جۇڭگو تەرەپنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە جۇڭگونى قوللىغانلىقىغا ئاپىرىن ئېيتىمىز، ئۆزبېكىستان تەرەپنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ماس كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى ئاۋۋالقىدەكلا قوللايمىز. مەن ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ھەمكارلىقتىكى باشلامچى ۋە تۈرتكە بولغۇچىلىق رولىنى ئوبدان جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو-ئۆزبېكىستاننىڭ يۇقىرى سەۋىيەدىكى سىياسىي ئىشەنچىنى تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي ھەمكارلىق نەتىجىلىرىگە ئايلاندۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
لى كېچياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: نۆۋەتتە خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرزىسىنىڭ تەسىرى تېخى يوقىغىنى يوق، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ جانلىنىش ئىستىقبالى يەنىلا مۇرەككەپ بولماقتا. ھەرقايسى دۆلەتلەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا تىنچ، مۇقىم خەلقئارا ۋە رايون مۇھىتىغا مۇھتاج بولىدۇ. جۇڭگو تەرەپ ئۆزبېكىستان ۋە باشقا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قاتناش ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىغا ئالدىدىن ئېتىبار بېرىپ، ئېنېرگىيە، سانائەت باغچا رايونى، پۇل مۇئامىلە قاتارلىقلاردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ ئەل رايى ئاساسىنى مۇستەھكەملەشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ يەنە ئۆزبېكىستان تەرەپ بىلەن خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدىكى چۈشىنىش ۋە ماسلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، رىقابەتلەرگە ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، رايونلارنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.
كەرىموف مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى قوغدايدىغان، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇھىم كۈچ. چوڭقۇر، مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان خەلقئارا ۋە رايون ۋەزىيىتى ئالدىدا، ئۆزبېكىستان تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ھاسىل قىلغان ئورتاق تونۇشنى ئوبدان ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قاتناش ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى، ئېنېرگىيە، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىققا ئومۇميۈزلۈك تۈرتكە بولۇشنى، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشىغا ئاكتىپ قاتنىشىپ، رايونلارنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداپ، چۈشىنىش يوللىرىنى كەڭ ئېچىپ، ئەل كۆڭلىگە تېخىمۇ يېقىنلىشىشنى خالايدۇ. ئۆزبېكىستان تەرەپ جۇڭگونىڭ تەرەققىياتتا قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىدىن ئۆرنەك ئېلىپ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن قول تۇتۇشۇپ ئالغا بېسىشنى خالايدۇ.