باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقى: ھەربىر ئوقۇغۇچىغا مەملىكەت بويىچە بىردىنبىر ئوقۇش تەۋەلىك نومۇرى تارقىلىتىدۇ

2014.08.07 02:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىنىستىرلىقى 5-ئاۋغۇست «مەملىكەتلىك ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇش تەۋەلىك ئۇچۇرىنى باشقۇرۇش سىستېمىسىنى ئومۇميۈزلۈك قوللىنىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقاتتى، ئۇقتۇرۇشتا ئوقۇش تەۋەلىكىگە ئائىت بارلىق مەسىلىلەرنى بىرتەرەپ قىلىش خىزمىتى ئاياغلاشغاندىن كېيىن، مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ھەربىر ئوقۇغۇچىغا بىردىنبىر ئوقۇش تەۋەلىك نومۇرى تارقىتىدىغانلىقى كۆرسىتىلدى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئوقۇغۇچىلارنىڭ سالاھىيەت ئاساسىي ئۇچۇرلىرىنى مەركەز قىلغان سانلىق-مەلۇماتلارنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش خىزمىتىنى ئومۇميۇزلۈك قانات يايدۇرۇپ، چاتىقى بار ئوقۇش تەۋەلىكىنى ئازايتىپ، سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلىش لازىم. ئۆلكە دەرىجىلىك مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى بىلەن جامائەت خەۋپسىزلىكى تارماقلىرى ھەمكارلىشىپ، شۇ ئۆلكە (رايون، شەھەر)دىكى ئوقۇش تەۋەلىكىنى تەكرار تەكشۈرۈپ، چاتىقى بار ئوقۇش تەۋەلىكى تىزىملكىنى ناھىيە دەرىجىلىك مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرىغا يوللاش لازىم. ناھىيە دەرىجىلىك مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى ۋە مەكتەپلەر چاتىقى بار ئوقۇش تەۋەلىكىنى تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىش كېرەك. ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان سىنىپلارنىڭ چاتىقى بار ئوقۇش تەۋەلىكىنى بىرتەرەپ قىلىش خىزمىتىنى ئالدىن تاماملاش كېرەك.

  جۇڭگو مىللەتلە تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر