باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئازسانلىق مىللەت ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى پىراكتىكا تۇرمۇشىدا ھىس قىلغانلىرىنى ئۆز-ئارا ئورتاقلاشتى

2014.08.25 08:51         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  22-ئاۋۇغۇست چۈشتىن كېيىن، مەملىكەتلىك ئازسانلىق مىللەت ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش «يازلىق تەتىللىك پىراكتىكا پىلانى» نەتىجىلىرىنى ئورتاقلىشىش يىغىنى ئازسانلىق مىللەت ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ پىراكتىكا بازىسى بولغان بېيجىڭ ئاپتوموبىل شىركىتىنىڭ بېيجىڭ ئاپتوموبىل كەسپىي تەتقىقات بازىسىدا ئۆتكۈزۈلدى. مەملىكەتلىك ئازسانلىق مىللەت ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش «يازلىق تەتىللىك پىراكتىكا پىلانى» پائالىيىتىنى جۇڭگو كومۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى بىلەن دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى باش بولۇپ ئۆتكۈزگەن، جۇڭگو ئازسانلىق مىللەتلەر تەرەققىيات مۇلازىمەت مەركىزىي ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، ھازىرغىچە ئۇدا 4 نۆۋەت ئۆتكۈزۈلدى. بۇ يىل جەمئىي 35 كارخانا ۋە كەسپىي ئورۇن 155 پىراكتىكا ئورنى بىلەن تەمىنلەپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى 17 مىللىي ئالى مەكتەپتىكى ئەلا نەتىجىلىك ئاز سانلىق مىللەت ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى پائال جەلىپ قىلدى. نەتىجىدىن ئورتاقلىشىش يىغىنىدا، ئازسانلىق مىللەت ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى جانلىق شەكىللەر بىلەن، بىر ئايدىن بۇيانقى پىراكتىكا تۇرمۇشىدا ھىس قىلغانلىرىنى ئۆز-ئارا ئورتاقلاشتى. كۆپچىلىك ئارقا-ئارقىدىن، بۇنىڭدىن كېيىن تىرىشىپ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئىلگىرى سۈرگۈچىسى، ئالاقە قىلىش ۋە ھەمكارلىشىشىقا تۈرتكە بولغۇچى بولۇپ، دۆلىتىمىزنى تېخىمۇ ئىتتىپاق ۋە تېخىمى ئىناق قىلىپ قۇرۇپ چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر