باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

باي ناھىيەسىدە بۇ يىلقى خەلقنى ئولتۇراقلاشتۇرۇپ بېيىتىش تۇرالغۇسىنىڭ سۈرئىتى تېز، سۈپىتى ياخشى بولدى

2014.08.22 15:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇربان سايىم خەۋىرى: باي ناھىيەسى بۇ يىلقى بىخەتەر ئولتۇراقلاشتۇرۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيى سېلىشنى خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىدىكى 1-ۋەزىپە قاتارىدا چىڭ تۇتۇپ، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش يۈكسەكلىكىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتقانلىقتىن، بۇ يىلقى خەلقنى ئولتۇراقلاشتۇرۇپ بېيىتىش ئۆيىنىڭ سۈرئىتى تېز، سۈپىتى ياخشى بولدى.

  بۇ يىل 4890 يۈرۈش ئولتۇراقلاشتۇرۇپ بېيىتىش ئۆيى سېلىشنى پىلانلىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە يېڭىدىن سېلىنىدىغىنى 1342 يۈرۈش، كېڭەيتىپ سېلىنىدىغىنى 3548 يۈرۈش. ئىش باشلانغان ئولتۇراقلاشتۇرۇپ بېيىتىش ئۆيى 4890 يۈرۈش بولۇپ، ھازىرغىچە 4774 يۈرۈش ئۆي پۈتۈپ، پۈتۈش نىسبىتى %82 كە، 2961 ئائىلىلىك يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرىپ، كۆچۈپ كىرىش نىسبىتى %60كە يەتتى، ئولتۇراقلاشتۇرۇپ بېيىتىش ئۆيى قۇرۇلۇشى ئەلنى مايىل قىلىشتىكى يارقىن نوقتىغا ئايلاندى.

  مۇخبىر :باي ناھىيە سايرام بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيى ھەيئەت رىياسىتىدە

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر