باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شى جىنپىڭ ئۇلانباتورغا بېرىپ، موڭغۇلىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى

2014.08.25 08:58         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 21-ئاۋغۇست ئۇلانباتورغا يېتىپ بېرىپ، موڭغۇلىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى. شۇ جاي ۋاقتى سائەت 11 لەردە، شى جىنپىڭ ئولتۇرغان مەخسۇس ئايروپىلان ئولانباتور چىڭگىزخان خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغا يېتىپ باردى. شى جىنپىڭ بىلەن رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن موڭغۇلىيە باش مىنىستىرى ئالتۇنخۇياڭ ئەر-ئايال، دىپلوماتىيە مىنىستىرى بوۋلىت قاتارلىق موڭغۇلىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ قىزغىن كۈتۈۋېلىشىغا مۇيەسسەر بولدى.

  ۋاڭ خۇنىڭ، جا جەنشۇ، ياڭ جېچى قاتارلىق ھەمراھ بولۇپ بارغانلار شۇ ئايرۇپىلاندا يېتىپ باردى. جۇڭگونىڭ موڭغۇلىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋاڭ شاۋلوڭ ئايرىدىرومغا چىقىپ كۈتۈۋالدى. شۇ جايدىكى ئامما ۋە بالىلار، ئۆسمۈرلەر يامغۇرغا قارىماي شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەننى قىزغىن قارشى ئالدى. شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن كىشىلەر ئارىسىغا بېرىپ، ئۇلار بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن موڭغۇلىيە تاغ-دەريالىرى تۇتۇشۇپ تۇرىدىغان ياخشى قوشنىلار بولۇپ، ئەزەلدىن ناھايىتى چوڭقۇر دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئورناتقان. مەن دوستانە موڭغۇلىيە خەلقىنىڭ تىلىكىنى جۇڭگو خەلقىگە يەتكۈزىمەن. يىراقتىكى تۇققاندىن يېقىندىكى قوشنا ئەلا. مەن بۇ قېتىمقى زىيارەتنىڭ ئىككى دۆلەت خەلقى كۈتۈۋاتقان دوستلۇق، ھەمكارلىق، تەرەققىيات سەپىرى بولۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شۇ كۈنى شى جىنپىڭنىڭ «جۇڭگو-موڭغۇلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ پارلاق ئەتىسى ئۈچۈن ئۇچقاندەك يۈرۈش قىلايلى» دېگەن تېمىدىكى ئىمزالىق ماقالىسى موڭغۇلىيەدە چىقىدىغان «كۈندىلىك گېزىت»،«بۈگۈن گېزىتى»،«دۇنيا خەۋەرلىرى گېزىتى»،«مىللەت پوچتا گېزىتى»، موڭغۇل ئاخبارات تور بېكىتىدە بىرلا ۋاقىتتا ئېلان قىلىنىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مېنىڭ موڭغۇلىيەدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىمنى بىر قېتىملىق تۇغقان يوقلاش خاراكتېردىكى زىيارەت دېيىشكە بولىدۇ، مەن بۇنىڭدىن ئىنتايىن خۇشال ھەم ئۈمىدۋارمەن، بۇ قېتىملىق زىيارەتنى مۇھىم پۇرسەت بىلىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن موڭغۇلىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 65 يىلدىن بۇيان، دوستلۇق ۋە ھەمكارلىق ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئاساسى بولۇپ كەلدى. ئىستىرادىگىيىلىك ئۆز ئارا ئىشىنىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش، مەنپەئەت جەھەتتە بىرلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، خەلق ھېسسىياتىنى تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇش-ئىككى دۆلەت خەلقى ئورتاق تىرىشىۋاتقان پائال قىممەتلىك بايلىق. جۇڭگو بىلەن موڭغۇلىيەنىڭ 4700 كىلومېتىردىن ئارتۇق چېگرا لىنىيەسى بار، جۇغراپىيەلىك جەھەتتە قوشنا بولۇپلا قالماستىن، ھەرىكەتتە ۋە ھېسىياتتىمۇ ياخشى قوشنا بولۇش كېرەك. جۇڭگو خەلقى جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ، موڭغۇلىيە خەلقىمۇ ئىسلاھات، تەرەققىيات يولىدا ئىلگىرىلەپ كېتىۋاتىدۇ. ئىككى دۆلەت ئىستراتېگىيە جەھەتتە ھەمكارلاشسا، ئىقتىسادى جەھەتتە ئۆز ئارا بىر-بىرىنى تولۇقلىسا، خەلقنىڭ دوستلۇق ھېسىياتى تېخىمۇ چىڭىيدۇ، بۇ جۇڭگو بىلەن موڭغۇلىيەنىڭ دوستلۇق، ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا تولىمۇ ماس كېلىدۇ. جۇڭگو-موڭغۇلىيە مۇناسىۋىتى يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا جۇڭگو بىلەن موڭغۇلىيە ئۆز ئارا ئىشىنىدىغان، مەسئۇلىيەتچان ئىستىرادىگىيىلىك شېرىككە ئايلىنىشى، ئورتاق بەھرىمەن بولىدىغان، تەڭ پايدا ئالىدىغان شېرىكلەردىن بولۇشى، دائىم سىردىشىپ، بېرىش-كېلىش قىلىپ تۇرىدىغان دوستلاردىن بولۇشى، ئۆز ئارا قول تۇتۇشۇپ، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان ھەمكارلىق شېرىكلىرىدىن بولۇشى كېرەك. بىزنىڭ جۇڭگو-موڭغۇلىيە مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئەتىسىنى بەرپا قىلىش ئىشەنچىمىز بار، مۇقەددەس خادا جۇڭگو بىلەن موڭغۇلىيە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئەۋلاددىن ئەۋلادغا داۋاملىشىپ كەلگەن دوستلۇقىنى داۋالاشتۇرغۇسىي، بىپايان يايلاق ئىككى دۆلەت ئورتاق تەرەققىياتىنىڭ ئارزۇسىنى يەتكۈزگۈسى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر