باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شاڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ 2017-يىلىلىق باش مەمۇرىنى سايلاش ھەققىدە پىكىر ئېلىندى

2014.08.25 08:47         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئىشخانىسى تۈنۈگۈن شىنجىندە ئىككى مەيدان سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، شاڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ 2017-يىلىلىق باش مەمۇرىي ۋە 2016-يىللىق قانۇن چىقىرىش كومىېتىنى قۇرۇش چارىسىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش-كىرگۈزمەسلىك ھەققىدە شاڭگاڭنىڭ ھەرقايسى ساھەسىدىكىلەرنىڭ پىكرىنى ئاڭلىدى. شاڭگاڭلىق زاتلار سۆز قىلغاندا ئومۇميۈزلۈك ھالدا مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: 2017-يىلىلىق باش مەمۇرنى سايلاشنى قانۇن بويىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈش 2007-يىلى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار قارارلىرىدا بېكىتىلگەن نىشان شۇنداقلا شاڭگاڭ جەمىيىتىدىكىكەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەقەززاسى. بۇ قېتىمقى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قانۇن بويىچە قارار چىقىرىپ، 2017-يىللىق باش مەمۇرنى سايلاپ چىقىشىغا قوشۇلىشىنى تەكلىپ قىلىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شاڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى باش مەمۇرىنى سايلاپ چىقىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش شاڭگاڭ نېگىزلىك قانۇنى ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار چۈشەندۈرۈشلىرى، قارارلىرىدا بەلگىلەنگەن رامكا ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك، دەپ قارايمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر