باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەددىدىن زىيادە ئېشىپ كەتكەن كەسىپلەردىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ تۈرلەرنى ئېنىقلاپ رەتكە سېلىشنى تەلەپ قىلدى

2014.08.25 08:50         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى تۆنۈگۈن ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ جايلاردىن ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئېغىر دەرىجىدە ئېشىپ كېتىش زىددىيىتىنى ۋاقتىدا ھەل قىلىشنى تەلەپ قىلدى. ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئېغىر دەرىجىدە ئېشىپ كەتكەن كەسىپلەردىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ تۈرلەرنى ئېنىقلاپ رەتكە سېلىش نەتىجىسى تۈرلۈك تەڭشەپ كونترول قىلىش سىياسىتىنى قاتتىق يولغا قويۇشنىڭ مۇھىم ئاساسى بولىدۇ. ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: يۇقىرىغا سۇنۇلمىغان ياكى يۇقىرىغا سۇنۇش لايىھىسىنى تولۇقلاپ تەڭشەشكە تېگىشلىكلىرىنىڭ ئېنىقلاپ رەتلەش لايىھىسى ياكى تولۇقلىما لايىھىسىنى 31-ئاۋغۇستتىن بۇرۇن تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتىغا سۇنىلىدۇ، مۇددىتى ئېشىپ كەتكەن تېخى سۇنمىغانلىرى قايتا قۇبۇل قىلىنمايدۇ، يۇقىرىغا سۇنمىغان تۈرلەر تەتقىق قىلىپ بېكىتىلمەيدۇ ۋە ئەنگە ئېلىنمايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر