باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مائارىپ

مائارىپ مىنىستىرلىقى: 2014-يىلدىن باشلاپ ئىمتىھانسىز قوبۇل قىلىنىدىغان ئاسپىرانتلارنىڭ مەكتەپتە قېلىش چېكى بېكىتىلمەيدۇ

2014.08.05 16:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىنىستىرلىقى 4-ئاۋغۇست ئېلان قىلغان «نۆۋەتتە ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان مۇنەۋۋەر تولۇق كۇرۇس ئوقۇغۇچىلىرىنى ئىمتىھانسىز ئاسپىرانتلىققا قوبۇل قىلىش خىزمەت چارىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»تا مۇنداق كۆرسىتىلدى: 2014-يىلدىن باشلاپ، مائارىپ مىنىستىرلىقى نۆۋەتتە ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان مۇنەۋۋەر تولۇق كۇرۇس ئوقۇغۇچىلىرىنى ئىمتىھانسىز ئاسپىرانتلىققا قوبۇل قىلىش سانىنى چۈشۈرگەندە ئەمدى ئىلمىي ئۇنۋان ۋە كەسپىي ئۇنۋان دەپ ئايرىمايدۇ، مەكتەپتە قېلىش چېكىنىمۇ بېكىتمەيدۇ.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئىمتىھانسىز قوبۇل قىلغۇچى ئالىي مەكتەپلەرمۇ ئۆز مەكتىپىنىڭ ئىمتىھانسىز قوبۇل قىلىش سانىغا قارىتا ئىلمىي ئۇنۋان ۋە كەسپىي ئۇنۋان چەكلىمىسى قويۇشقا، مەكتەپتە قېلىش چېكى ۋە سانىنى ئۆز ئالدىغا بېكىتىشكە بولمايدۇ. ئىگىلىنىشىچە، ئىمتىھانسىز قوبۇل قىلىش كۆپ خىل شەكىلدىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سىستېمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، شۇنداقلا كۆزگە كۆرۈنگەن ئىجادچان ئىختىساس ئىگىلىرىنى تاللاشنى كۈچەيتىش ۋە ئاسپىرانتلىققا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنىڭ مۇھىم تەدبىرى ھېسابلىنىدىكەن.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
 مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر