باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقى: مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەر ھەرقانداق شەكىلدە ئوقۇشقا كىرىش-ئۆرلەپ ئوقۇش ئىمتىھانى ئالسا بولمايدۇ

2014.08.07 15:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ7-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:مائارىپ مىنىستىرلىقى 6-چېسلا «مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەرنى باشقۇرۇش ئۆلچىمى (سىناق نۇسخا)»نى ئېلان قىلىپ، مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەر يېقىن جايدا ئىمتىھانسىز ئوقۇشقا كىرىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ھەرقانداق شەكىلدە ئوقۇشقا كىرىش ياكى ئۆرلەپ ئوقۇش ئىمتىھانى ئالماسلىقى، ھەر خىل مۇسابىقە، ئىمتىھان دەرىجىسى، مۇكاپاتنامىلەرنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشقا كىرىش ياكى ئۆرلەپ ئوقۇش ئاساسى قىلىۋالماسلىقى كېرەك.

  «ئۆلچەم»دە مۇنداق كۆرسىتىلدى: دۆلەتنىڭ قانۇن-نىزاملىرى ۋە مائارىپ مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن، ئوقۇغۇچى قوبۇللاش-ئوقۇشقا كىرىش لايىھەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دائىرە، تەرتىپ، ۋاقىت، نەتىجىنى ئاشكارىلاپ، ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىدىن باراۋەر بەھىرلىنىش ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك. سىنىپقا تەكشى ئايرىش، نۇقتىلىق سىنىپ ۋە ئادەتتىكى سىنىپ دەپ ئايرىماسلىق لازىم. سىنىپقا ئايرىغاندا ئالاقىدار خادىملارنى قاتناشتۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىش كېرەك. ھەق ئېلىشنى ئاشكارىلاش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، دۆلەتنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىدا ھەق ئالماسلىق ھەققىدىكى بەلگىلىمىسىنى قەتئىي ئىجرا قىلىش لازىم.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر