باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مائارىپ

كۈندە بىر سائەت ئويۇن ئويناش بالىلار ئۈچۈن پايدىلىق

2014.08.06 09:45         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە ئېلېكترونلۇق ئويۇنچۇقلارنى ئويناش ۋاقتىنى ئىسراپ قىلغانلىق بولۇپ ھېسابلانسا كېرەك، ئادەتتە پسىخىكا ۋە ئەقلى جەھەتتىن تولۇق يېتىلمىگەن ۋە ئۆزىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارى ئاجىز ئەھۋال ئاستىدا ئېلېكترونلۇق ئويۇنچۇقلارنى ئويناش ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇشقا چوڭ ئەكس تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ دەپ قارىلىدۇ. بىراق خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قەرەللىك تېببىي ژۇرنال 《Pediatrics》 دا ئېلان قىلىنغان تەتقىقات ماقالىسىدا دېيىلىشىچە، كۈندە بىر سائەت ئەتراپىدا ئېلېكترونلۇق ئويۇنچۇقلارنى ئويناش بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەن.


  5000 نەپەردىن كۆپرەك بالىلارغا قارىتا ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلغاندا، بالىلار كۈندە ئويۇن ئوينىمايدىغان ئوقۇغۇچىلار بىلەن كۈندە بىر سائەت ئويۇن ئوينايدىغان ۋە نەچچە سائەت ئويۇن ئوينايدىغان بالىلارنى بىر نەچچە گۇرۇپپىلارغا بۆلۈپ سېلىشتۇرغان تەكشۈرۈش دوكلاتىدىن مەلۇم بولىشىچە، كۈندە بىر سائەت ئەتراپىدا ئويۇن ئوينايدىغان بالىلارنىڭ ئۆز-ئۆزىنى كونترول قىلىش ۋە تەڭشەش ئىقتىدارى ئويۇن ئوينىمايدىغان ئوقۇغۇچىلاردىن يۇقىرى بولۇپ چىققان. ھەر كۈنى بىر سائەت ئەتراپىدا ئويۇن ئوينايدىغان بالىلار ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدىكى ئىجتىمائىي ئالاقە ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان بولۇپ، بۇ تۈردىكى بالىلار ئۆز تۇرمۇشىدىن ئۆزى خەۋەر ئالالىغان. ئۇندىن باشقا، بۇ بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا كەيپىياتىنى تەڭشەش ۋە دوستلىرى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە چوڭ مەسىلە كۆرۈلمىگەن. دوكلاتتا يەنە دېيىلىشىچە، كۈندە بىر سائەت ئويۇن ئوينايدىغان گۇرۇپپىدىكى بالىلار باشقا گۇرۇپپىدىكى بالىلارغا قارىغاندا سالماق ۋە ئېغىر- بېسىق خاراكتېرىنى نامايان قىلغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر