باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بۇ يىل چىلگە شال ئومۇمىي مەھسۇلات مىقتارى تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ، يەنىلا مول ھوسۇل ئېلىنىدىكەن

2014.08.25 08:52         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك ئىشتاتىستىكا ئىدارىسى 22-ئاۋغۇست ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2014-يىلى مەملىكەت بويىچە چىلگە شال ئومۇمىي مەھسۇلات مىقتارى 68 مىليارد جىڭغا يېتىپ، 2013-يىلدىكىدىن 240 مىليون جىڭ ئازىيىپ، %0.4 تۆۋەنلىگەن. ئەمما بۇ يىل چىلگە شالنىڭ مو بېشى بىرلىك مەھسۇلاتى 390 كىلوگىرامدىن ئارتۇق بولۇپ، يەنىلا مول ھوسۇل ئېلىنىدىكەن.

  2014-يىلى مەملىكەت بويىچە چىلگەشال تېرىش كۆلىمى 2013-يىلىدىكىدىن %0.2 ئازايغان. تونۇشتۇرىلىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەملىكەت بويىچە چىلگە شال تېرىلغۇ كۆلىمى ئىزچىل تۈردە 87 مىليون مو ئەتراپىدا بولۇپ، خۇبېي، خۇنەن ئۆلكىلىرىنىڭ سىياسەت ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشى نەتىجىسىدە، چىلگەشالنىڭ تېرىلغۇ كۆلىمى خېلى كۆپ ئاشقان. بۇنىڭ بىلەن باشقا چىلگەشال تېرىش رايونلىرىدا تېرىلغۇ كۆلىمى ئازلاشنىڭ تەسىرى ئاساسى جەھەتتىن يوقاپ، مەملىكەت بويىچە چىلگەشال تېرىلغۇ كۆلىمى ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم بولغان.

  چىلگەشال تېرىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، تۈگۈنچى باھاردىكى سوغۇقنىڭ چىلگەشال ئىشلەپچىقىرىشقا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، بۇ يىل مەركەز مالىيەسى 400 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ، چىلگەشال مايسىسىنى مەركەزلىك يېتىشتۈرۈشكە ئىشلەتكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر