باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خەلقئارا جامائەتچىلىك شى جىنپىڭنىڭ موڭغۇلىيەدىكى زىيارىتىگە دىققەت قىلدى

2014.08.25 08:56         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ موڭغۇلىيە تاراتقۇلىرىدا «جۇڭگو موڭغۇلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىگە ئاتلىنايلى» دېگەن تېمىدا ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلىپ، خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ كەڭ دىققەت ئېتىبارىنى قوزغىدى.

  موڭغۇلىيەنىڭ ساياھەت مەدەنىيەت تەنتەربىيە مىنىستىرى ئويۇنگېرلى مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن موڭغۇلىيەنىڭ ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشى يېپ يېڭى باسقۇچقا كىردى، ئىككى دۆلەتنىڭ ئالماشتۇرۇشى ئۆزگىچە ئەۋزەللىككە ئىگە، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ موڭغۇلىيەدە زىيارەتتە بولۇش پۈرسىتى ئارقىلىق، جۇڭگو بىلەن موڭغۇلىيەنىڭ مەدەنىيەت تەنتەربىيە ساياھەت جەھەتتىكى ھەمكارلىقى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە يۈكسىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  كورىيە چەتئەل تىلى ئۇنىۋېرستېتى خەلقئارا مۇناسىۋەت ئىنىستىتۇتىنىڭ باشلىقى خۇاڭ زەيخاۋ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: موڭغۇلىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى جۇڭگو تەشەببۇس قىلغان «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، بۇ جۇڭگونىڭ ئەتراپ دىپلوماتىيىسىدىكى «دوست ئۆتۈش، سەمىمىي بولۇش، ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزۈش، كەڭ قورساق بولۇش» قارىشىنىڭ كونكىرت گەۋدىلىنىشى.

  پاكىستاننىڭ سىياسەت تەھلىلچىسى ئاكتار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ موڭغۇلىيە تاراتقۇلىرىدا ئېلان قىلغان ماقالىسىنىڭ مەزمۇنى چوڭقۇر بولۇپ، جۇڭگونىڭ ئىناق خوشنىدارچىلىق دوستلۇق دىپلوماتىيە سىياسىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، جۇڭگو بىلەن موڭغۇلىيە ئوتتۇرىسىدىكى چوڭقۇر دوستلۇق ۋە يېقىن مۇناسىۋەت گەۋدىلەندۈرۈلگەن.

  رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسى تىنچ ئوكيان رايونى ئورتاق مەسىلىلەر تەتقىقاتخانىسىنىڭ مۇدىرى ئالىكساندىر پېتىروفىسكىي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ ماقالىسىدا جۇڭگونىڭ ھازىرقى زاماندا موڭغۇلىيەگە قاراتقان ئىستراتېگىيىسىدىكى ئاچقۇچلۇق پىرىنسىپىنى كۆرسىتىپ بەردى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئاساسى مەزمۇنى ۋە ھازىرقى زامان دىپلوماتىيىسىدىكى ئالدىن ئويلىشىدىغان يۆنىلىشنى بايرىقى رۇشەن ھالدا ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر