باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

لى كېچياڭ مەشھۇر ياشلار ئىلمىي فوندى تەسىس قىلىنغانلىقىنىڭ 20 يىللىقى مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئاڭلاپ ئۆتتى

2014.08.25 09:18         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  21-ئاۋغۇست جۇڭگو كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى،گوۋۇيۈەن زوڭلىسى لى كېچياڭ بېيجىڭدا دۆلەتلىك مەشھۇر ياشلار ئىلمىي فوندى تەسىس قىلىنغانلىقىنىڭ 20 يىللىقى ئىختىساسلىقلارنى تەربىيىلەش ۋە پەن تەتقىقات مۇۋەپپەقىيەتلىرى دوكلاتىنى ئاڭلاپ ئۆتتى. ھەمدە ئىلگىرى بۇ فوندقا ئېرىشكۈچىلەر ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى.دۆلەتلىك مەشھۇر ياشلار ئىلمىي فوندى ياش پەن تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، مۇنەۋۋەر ئىلىم پەن باشلامچىلىرىنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن قۇرۇلغان بولۇپ، 3000 دىن كۆپرەك كىشىگە مەبلەغ جەھەتتىن ياردەم بەردى. لى كېچياڭ مۇۋەپپەقىيەت كۆرگەزمىسىنى كۆرۈپ، فوندقا ئېرىشكەنلەرنىڭ ئىممۇنىتېت تېببىي ئىلمىي، نامو ماتېرىيالى، ئادەتتىن تاشقىرى كومپيۇتېر، كۋانتلىق خەۋەرلىشىش قاتارلىق كۆپلىگەن ساھەلەردىكى گەۋدىلىك مۇۋەپپەقىيىتى؛فوندنىڭ ئىختىساسلىقلارنى بايقىشى ، يېڭىلىق يارىتىش جەھەتتە ئوينىغان خاس رولىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. لى كېچياڭ سۆھبەتتە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش پىلانىنى تۈزۈشتە بىلىم ۋە ماھارەت ئىگىلىگەن ئىختىساسلىقلار قوشۇنىغا تايىنىش لازىم. ياشلار يېڭىلىق يارىتىش غايىسىگە ۋە ھېسسىياتقا باي. بىلىم تىز سۈرئەتتە يېڭىلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە كۆپلىگەن يېڭى تېخنىكا، يېڭى ئىجادىيەتنى مەيدانغا كەلتۈرۈۋاتقان ئاشۇ ياشلارغا تايىنىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر