باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

لىۋىيە خەلق ئەسكەرلىرىنىڭ قوراللىق تەشكىلاتى مىسىر بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنى ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتىگە قاتناشتى، دەپ ئەيىبلىدى

2014.08.25 09:59         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  لىۋىيە مىسۇرات خەلق ئەسكەرلىرى قۇراللىق تەشكىلاتىنىڭ بىر باياناتچىسى 23-ئاۋغۇست مۇنداق دېدى: مىسىر بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى لىۋىيەنىڭ پايتەختى تىرىپولىدىكى مەزكۇر تەشكىلاتقا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتىگە قاتناشتى.

  شۇ كۈنى ئەتىگەندە، مىسۇرات خەلق ئەسكەرلىرى قۇراللىق تەشكىلاتىنىڭ تىرىپولى خەلقئارا ئايرودرومىغا يېقىن جايدىكى كۆپلىگەن ئورۇن ھاۋا ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، 11 كىشى قازا قىلدى، 20 كىشى يارىلاندى. بۇ باياناتچى مۇنداق دېدى: بىز ئىگىلىگەن ئاخباراتتىن ئايان بولۇشىچە، مىسىر بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بۇ قېتىمقى تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكىتىگە قاتناشقان. بۇ باياناتچى مۇنداق دېدى: لىۋىيە ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى بىلەن خەلق قۇرۇلتىيى تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكىتىگە ياردەم بەرگۈچى قاتىل.

  شۇ كۈنى، مىسۇرات خەلق ئەسكەرلىرى قۇراللىق تەشكىلاتى تىرىپولى خەلقئارا ئايرودرومىنى كونترول قىلىش ھوقۇقىنى ئىگىلىگەنلىكىنى جاكارلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر